لى كېچياڭ جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2022.11.14 09:18 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، مۇئاۋىن باش ۋەزىرى سېسوپارانىڭ ھەمراھلىقىدا سىيامدالىدا جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم جۇڭگونىڭ كامبودژاغا ياردەم بەرگەن ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقلىرى چاجياۋ ئىبادەتخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ بىلەن سېسوپارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تۈرىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، مۇئاۋىن باش ۋەزىرى سېسوپارانىڭ ھەمراھلىقىدا سىيامدالىدا جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ 30 يىللىق نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم جۇڭگونىڭ كامبودژاغا ياردەم بەرگەن ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقلىرى چاجياۋ ئىبادەتخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنىڭ ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت مىراسلىرى ساھەسىدە ھەمكارلىقنى سىجىل قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم زور قىزىقىش بىلەن نەتىجە كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا توختاپ كۆردى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھۈنەر-سەنئىتى تېخنىكىسى، ئىشلىتىلگەن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پەن تەتقىقاتى، قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قوغداش تەدبىرلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

  لى كېچياڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو-كامبودژا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا توغرا كەلدى. كۆپ خىل مەدەنىيەت ئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سىغدۇرۇشچان ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جۇڭگو-كامبودژا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى ۋە تونۇشى ئىككى تەرەپ دوستلۇقىنىڭ پۇختا ئاساسى. ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بېرىش-كېلىش ھەم ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشى ھەم ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ قەلب ئالاقىسى بولۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقلىرى پارلاق كخمېر مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى بولۇپلا قالماي، كامبودژا مىللىتىنىڭ پەخرى. ئۇزاقتىن بۇيان، شەرق ۋە غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىگە پائال قاتناشتى. بۈگۈن بىز ئۆتكۈزۈپ بەرگەن چاجياۋ ئىبادەتخانىسى تۈرى ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خەلقئارا ھەرىكىتى رامكىسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى يولغا قويغان ئىككىنچى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈرى. بۇ كامبودژاغا پايدىلىق، جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇقىغا پايدىلىق، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا پايدىلىق ياخشى ئىش. ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ گۆھىرى سۈپىتىدە تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا ئالماشتۇرۇش ھەم ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت، ئادىمىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئەل رايىنى بىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سېسوپارا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا بىلەن جۇڭگو قېرىنداشتەك يېقىن، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ، بىر-بىرىنى قوللايدۇ، ئۆزئارا زىچ ھەمكارلىق كامبودژانىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. كامبودژا جۇڭگونىڭ كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مىللىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا پائال ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كامبودژا-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ