شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى​

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك

2022.11.10 10:22 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە بولغان ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە بولغان ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  ■ پۈتۈن ئارمىيە پۈتۈن زېھنىنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە ئۇرۇش قىلىشقا كۈچەپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى كېرەك.

  ■ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ قىسىمدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  ■ ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئاشماقتا، ھەربىي كۈرەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە ئۇرۇش قىلىشقا كۈچەپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باش قوماندانى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە بولغان ئېنىق پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئارمىيە پۈتۈن زېھنىنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە ئۇرۇش قىلىشقا كۈچەپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشى كېرەك.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، ئالدى بىلەن ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىدىكى بارلىق كوماندىر - جەڭچىلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈن مەن ھەربىي كومىتېت بەنزىسىدىكى يولداشلار بىلەن ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزىگە كەلدىم، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي كومىتېتنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ئىرادىسى، پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى. پۈتۈن ئارمىيە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ قىسىمدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئاشماقتا، ھەربىي كۈرەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئېغىر. پۈتۈن ئارمىيە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىنى ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتلەردە ئۇرۇش قىلىشقا كۈچەپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق مەركىزى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىقنى يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم تىرەك بولۇپ، ئورنى مۇھىم، مەسئۇلىيىتى مۇھىم، زور. ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەربىي كۈرەشتە ئەمەلىي تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قوماندانلىقنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مۇتلەق سادىق، جەڭ قىلىشنى پىلانلاشقا ماھىر، قوماندانلىقى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇپ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەمىزنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ، لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن پائالىيەتكە قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ