لى كېچياڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم كامبودژادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن فنومپېنغا يېتىپ باردى

2022.11.10 00:54 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى خۇڭ سېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن فنومپېن خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتناشتى ھەم كامبودژادا رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە، كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى خۇڭ سېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن فنومپېن خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ بېرىپ، شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرىنىڭ يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتناشتى ھەم كامبودژادا رەسمىي زىيارەتتە بولدى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى خې نەنخۇڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىنى بويلاپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شۇ جايدىكى ياشلار لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنتيەن ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ شىجۈنمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ ۋە ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى. نۆۋەتتە خەلقئارا، رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ، دۇنيا تەرەققىياتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق رەھبەرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنىنىڭ دىققەتنى تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى كەسىپلەر زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا يېقىن قوشنا، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق كامبودژا بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈپ، ھەمكارلىق پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو-كامبودژا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە، لى كېچياڭ 25-قېتىملىق جۇڭگو __ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (1+10) رەھبەرلىرى يىغىنى، 25-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە (3+10) رەھبەرلەر يىغىنى ۋە 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  كامبودژادا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، لى كېچياڭ پادىشاھ سىخامونى بىلەن كۆرۈشۈپ، باش ۋەزىر خۇڭسېن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولىدۇ، فنومپېن-سىخانوك پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاش، جۇڭگو كامبودژاغا ياردەم بەرگەن ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقلىرى، چاجياۋ ئىبادەتخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈر ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

  كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى خۇڭ سېننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلىپ، كامبودژاغا بېرىپ 25-قېتىملىق جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى (1+10) رەھبەرلىرى يىغىنى، 25-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە (3+10) رەھبەرلەر يىغىنى ۋە 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە كامبودژادا رەسمىي زىيارەتتە بولدى.

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ رەپىقىسى چېڭ خۇڭ، دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى شياۋ جيې قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىللە باردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ