لى كېچياڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كامبودژا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2022.11.10 20:43 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ فنومپېندىكى تىنچلىق سارىيىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن بۇرۇن، خۇڭسېن تىنچلىق سارىيىدا لى كېچياڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ فنومپېندىكى تىنچلىق سارىيىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، يۈكسەك سىياسىي ئىشەنچكە ئىگە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. رەئىس شى جىنپىڭ 2016-يىلى كامبودژادا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، 2020-يىلى خان ئانا مونىلېغا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يەنە يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. باش ۋەزىر ئەپەندى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن پەيتتە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى چەت ئەل رەھبىرى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. يۇقۇم يۈزبەرگەن يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەن تۇنجى قېتىم فنومپېنغا بېرىپ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق رەھبەرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنىغا قاتناشتىم ھەم كامبودژادا رەسمىي زىيارەتتە بولدۇم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ. جۇڭگو چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسەت پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، كامبودژانىڭ خەلقئارا ۋە رايون سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، كامبودژا تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو-كامبودژا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كامبودژا بىلەن كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «جۇڭگو-كامبودژا دوستلۇق يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى خالايدۇ. كامبودژانىڭ يېزا ئىگىلىكىنى پەن-تېخنىكىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاپ، كامبودژانىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كامبودژانىڭ سانائەتلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ. كامبودژانىڭ مىنا تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كامبودژاغا يول، داۋالاش، سۇ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلاردا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كامبودژانىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ. پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىپ، كامبودژا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇقىم، تەرەققىي قىلغان، گۈللەنگەن كامبودژا رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كامبودژانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلىرى يۈرۈشلۈك يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركىزىي ئورنىنى قەتئىي قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدىكى رايون ھەمكارلىق رامكىسىنى قوللايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ.

  خۇڭسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كامبودژا-جۇڭگو يېقىن دوست، كامبودژا-جۇڭگو دوستلۇقى كامبودژا خەلقىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. كامبودژا بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، كامبودژا-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇشنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، سودا، سېلىنما، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى سەھىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كامبودژا ب د ت نىزامنامىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە زىچ ماسلىشىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى جۇڭگو-كامبودژا يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، مائارىپ، جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى، تاموژنا، پەن-تېخنىكا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئون نەچچە تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى، فنومپېن-سىخانوك پورتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلاش ۋە يانداشما خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، خۇڭسېن تىنچلىق سارىيىدا لى كېچياڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو-كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لى كېچياڭ خۇڭسېننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى كېچياڭ كامبودژا مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارى ۋە سىخانوك خانئاتا ھەيكىلىگە گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.

  شياۋ جيې يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ