مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى 20 تۈرلۈك تەدبىر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2022.11.14 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 11 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى 20 تۈرلۈك تەدبىر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يەنىلا سىجىل ئۆزگىرىۋاتىدۇ، يەرشارىۋى يۇقۇم يەنىلا تارقىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان يۇقۇم ئۈزلۈكسىز كۆرۈلۈۋاتىدۇ. دۆلىتىمىز نوپۇسى كۆپ دۆلەت، ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ سانى كۆپ، رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، داۋالاش بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك ئەمەس، بەزى رايونلاردا يۇقۇم يەنىلا بەلگىلىك كۆلەمدە مەۋجۇت. ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە قىش، ئەتىياز پەسلىدىكى كىلىمات ئامىلىنىڭ تەسىرىدە، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ۋە كۆلىمى يەنىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىن، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، جەزمەن ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئومۇمىي تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ، ئۇرۇش سېپىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى، ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنى يوقىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىش، يامراش ۋەزىيىتىنى تېزدىن توسۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، كۈتۈپ تۇرۇشقا، قاراپ تۇرۇشقا، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇم خەۋپ ـ خەتىرىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تەڭشەشنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئايرىپ يۆتكەش، خېسۇەن تەكشۈرۈش، كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىشى، داۋالاش مۇلازىمىتى، ۋاكسىنا ئەملەش، كارخانا ۋە مەكتەپلەرنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، تۇرۇپ قالغان خادىملارنى تارقاقلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك. ۋاكسىنا، دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ۋاكسىنا، دورىلارنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق، ھەم مەسئۇلىيەتسىزلىك پوزىتسىيەسىگە قارشى تۇرۇش، ھەم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، «قاتلاممۇقاتلام ۋەزىپە يۈكلەش» «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتارلىق ئۇسۇللارنى تۈزىتىش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش مەزگىلىدە ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرۇپ، كېسەل كۆرسىتىش ـ داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ياشانغانلار، ئاجىزلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.


  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكى، تەكرارلىنىشچانلىقىنى تولۇق تونۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.


  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ