مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەگە بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، تايلاندقا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ

2022.11.15 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى جوكونىڭ تەكلىپى بويىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 17 - كۈنىگىچە ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىغا بېرىپ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 17 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.


  تايلاند پادىشاھلىقىنىڭ زۇڭلىسى بايۈنىڭ تەكلىپى بويىچە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 19 - كۈنىگىچە تايلاند باڭكوكقا بېرىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 29 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم تايلاندتا زىيارەتتە بولىدۇ.


  يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ تەكلىپ بويىچە فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن، سېنېگال زۇڭتۇڭى سال، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس قاتارلىق كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ