مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات توغرا يۆنىلىشىنى تېپىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2022.11.15 15:08 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 14-چېسلا چۈشتىن كېيىن ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۇچرىشىش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر 50 نەچچە يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈردى، ئېرىششمۇ-يوقىتىشمۇ بولدى، تەجرىبىلەرگە ھەم ساۋاقلارغا ئىگە بولدى. تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. بىز تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىز جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىزدە رولنى تۇتۇپ يۆنىلىشنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى تېپىپ بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىيونلار ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، شۇنداقلا باشقا دۆلەتلەر ۋە دۇنيا بىلەن بىللە تۇرۇش يولى ئۈستىدە ئويلىنىشى ۋە ئۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، دەۋر ئۆزگىرىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە راۋاجلانماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، دۇنيا تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشقا بىز كۆڭۈل بۆلىمىز، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈمىد قىلىدۇ. بىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇچرىشىشىمىز پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان ئۈمىدىمىزنى ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ۋە زور يەر شارى ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئىلگىرىكىدەكلا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن. مەنمۇ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ