مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال نەتىجە يارىتىڭلار

ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال نەتىجە يارىتىڭلار

2022.11.15 15:23 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋاب خەت


  ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شېنياڭ ئايروپىلان سانائىتى گۇرۇھىنىڭ «لو ياڭ ياش زەربىدارلار ئەترىتى»دىكى يولداشلار:


  ياخشىمۇسىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. سىلەر يولداش لو ياڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئاۋىياتسىيە جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە قول تۇتۇشۇپ جان تىكىپ ئېلىشىپ تۆھپە قوشتۇڭلار، بۇ خىل ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھى ئىنتايىن قىممەتلىك.


  سىلەر خېتىڭلاردا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياشلىق باھارىڭلارنى ئاۋىياتسىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىدە نۇر چاچقۇزىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپسىلەر، سۆزۈڭلار ناھايىتى ئورۇنلۇق. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ياشلارنىڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشىغا ئېھتىياجلىق. سىلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  شى جىنپىڭ


  2022- يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى


  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شېنياڭ ئايروپىلان سانائىتى گۇرۇھىنىڭ «لوياڭ ياش زەربىدارلار ئەترىتى»نىڭ ئەزالىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن پائال كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.


  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر يولداش لو ياڭنى ئۈلگە قىلىپ، ئاۋىياتسىيە جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە قول تۇتۇشۇپ جان تىكىپ ئېلىشىپ تۆھپە قوشتۇڭلار، بۇ خىل ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش روھى ئىنتايىن قىممەتلىك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەر خېتىڭلاردا، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياشلىق باھارىڭلارنى ئاۋىياتسىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىدە نۇر چاچقۇزىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈپسىلەر، سۆزۈڭلار ناھايىتى ئورۇنلۇق. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ياشلارنىڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشىغا ئېھتىياجلىق. سىلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاۋىياتسىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


  2012- يىلى 11 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قىرغۇچى − 15 بەلگىلىك ئاۋىياماتكا ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساش نەق مەيدانىنىڭ باش قوماندانى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شېنفېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، باش دىرېكتورى لو ياڭنىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن يولداش لو ياڭنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە قىممەتلىك روھىدىن ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلغانىدى. 2013 - يىلىدىن بۇيان، ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى «لوياڭ ياش زەربىدارلار ئەترىتى»نى ۋاسىتە قىلىپ، كەڭ ياشلارنى جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە لو ياڭدىن ئۆگىنىش، ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تەشكىللىدى، جەمئىي 370 مىڭ ئادەم قېتىم بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. يېقىندا، شېنفېي شىركىتىنىڭ تۇنجى تۈركۈم «لوياڭ ياش زەربىدارلار ئەترىتى» ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، 10 يىلدىن بۇيانقى پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە يولداش لو ياڭنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ھاسىلاتلىرىنى دوكلات قىلىپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش، قەتئىي ئىرادە بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ