شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن بالى ئارىلىدا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

2022.11.16 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندونېزىيە بالى ئارىلى، 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي لىن، نى سىيى، ليۇ خۇا) شۇ جاي ۋاقتى 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەر ھەمدە مۇھىم، زور يەرشارىۋى ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈمىدىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ تارىخقا، دۇنياغا، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، يېڭى مەزگىلدە ئىككى دۆلەتنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشىدىكى توغرا يول ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تېپىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتىشى، دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.


  شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالى ۋە مۇھىم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ـ تاشقى سىياسىتى ئاشكارا، ئېنىق، ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى ئوچۇق ـ يورۇق بولۇپ، يۈكسەك ئىزچىللىقنى ۋە مۇقىملىقنى ساقلىدى. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى داۋاملىق چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزىنىڭ مەيدان ۋە پوزىتسىيەسىنى ئىشنىڭ ھەق ـ ناھەق، توغرا ـ خاتالىقىغا قاراپ بەلگىلەپ، سۆھبەتلىشىش ـ كېڭىشىش، تالاش ـ تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىش، يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات، ئوچۇق تەرەققىيات، ئورتاق ئۇتۇق قازىنىدىغان تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ قاتناشقۇچىسى، تۈرتكە بولغۇچىلىرىدىن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا مۇھىم، زور تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەم مىسلىسىز خىرىسقا يۈزلىنىشى، ھەم مىسلىسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بىز جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە مۇشۇ يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىمىز ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىدىغان، بىرى گۈللىنىپ، بىرى خارابلىشىدىغان نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش بولماسلىقى كېرەك، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى بىر ـ بىرىگە نىسبەتەن خىرىس بولماستىن بەلكى پۇرسەت. بىپايان يەرشارى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى تامامەن سىغدۇرالايدۇ. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى ـ تاشقى سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىغا توغرا قاراپ، قارشىلىشىش ئەمەس بەلكى سۆھبەتلىشىش، نۆل يىغىندىلىق ئەمەس بەلكى قوش ئۇتۇق قازىنىشتەك ئالاقە ئاساسىي رىتىمىنى ئورنىتىشى كېرەك. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ «تۆتنى قىلماسلىق، بىردىن ساقلىنىش» ئىپادىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن. جۇڭگو ئەزەلدىن ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمىدى، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى، ئامېرىكىغا خىرىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئويى يوق. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئۇتۇق قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىكتە جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى، سۈرئەتنى يوقىتىپ قويماسلىقى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى ۋە جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا رىئايە قىلىش كېرەك. بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش، قارشىلىشىش، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاچقۇچ، شۇنداقلا جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك تورى.


  شى جىنپىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەمدە جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى سىستېمىلىق بايان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىدىكى يادرو، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى سىياسىي ئاساسىنىڭ ئۇلى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ھالقىپ ئۆتۈشكە بولمايدىغان بىرىنچى قىزىل سىزىق. تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز ئىشى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى. ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ھەرقانداق ئادەم تەيۋەننى جۇڭگودىن بۆلۈپ چىقماقچى بولىدىكەن، بۇ، جۇڭگونىڭ مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ! بىز تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا باشتىن ـ ئاخىر كۈچ چىقىرىمىز، لېكىن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ سۆز ـ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. زۇڭتۇڭ ئەپەندى كۆپ قېتىم «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدىغانلىقىنى، تەيۋەننى جۇڭگو بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك كۆزلەيدىغان ياكى جۇڭگونى چەكلەيدىغان قورال قىلىش مەقسىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقانىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ۋەدىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىزچىل ئىنتىلىشى. ئامېرىكىدا ئامېرىكىچە دېموكراتىيە بار، جۇڭگودا جۇڭگوچە دېموكراتىيە بار، ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بىز ئوخشاشلا پەخىرلىنىمىز. ھەرقانداق دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى كامالەتكە يەتكەن ئەمەس، ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان كونكرېت ئىختىلاپلارنى مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى باراۋەر پىكىر ئالماشتۇرۇش. ئاتالمىش «دېموكراتىيە بىلەن ھەيۋىنىڭ قارشىلىشىشى» ھازىرقى دۇنيانىڭ ئالاھىدىلىكى ئەمەس، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېقىمىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.


  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ يولغا قويغىنى كاپىتالىزم، جۇڭگونىڭ يولغا قويغىنى سوتسىيالىزم، ئىككى تەرەپنىڭ ماڭغىنى ئوخشاش بولمىغان يول. بۇ خىل ئوخشىماسلىق بۈگۈنلا پەيدا بولغان ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمى 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىقىشىپ ئۆتۈشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا بۇ خىل ئوخشىماسلىقنى ئېتىراپ قىلىش، بۇ خىل ئوخشىماسلىققا ھۆرمەت قىلىشتۇر، ھەرگىزمۇ بىردەك بولۇشقا زورلاپ، قارشى تەرەپنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ھەتتا ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەمەس. ئامېرىكا تەرەپ ئالاقىدار ۋەدىسىنى كونكرېت ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى، ھەرگىزمۇ دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولماسلىقى كېرەك.


  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تارىخىي مەدەنىيىتى، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چوڭ دۆلەت، پەرق ۋە ئىختىلاپ ئىلگىرى بار ئىدى، ھازىرمۇ بار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولىدۇ، لېكىن بۇ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق ۋاقىتتا دۇنيادا رىقابەت بولىدۇ، لېكىن رىقابەت ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، بىر ـ بىرى بىلەن بەسلىشىش، ئورتاق ئىلگىرىلەش بولۇشى كېرەك، ھەرگىزمۇ بىرى يېڭىپ، بىرى يېڭىلىش، ھايات ـ ماماتلىق ئېلىشىش بولماسلىقى كېرەك. جۇڭگو توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، بارلىق بېسىم قىلىش ۋە چەكلەش پەقەت جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ. سودا ئۇرۇشى، پەن ـ تېخنىكا ئۇرۇشى قىلىش، سۈنئىي «تام قوپۇرۇپ قورۇق سېلىش»، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»نى زورمۇزور يۈرگۈزۈش بازار ئىگىلىكى پىرىنسىپىغا تامامەن خىلاپلىق قىلغانلىق، خەلقئارا سودا قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق بولۇپ، پەقەت باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۆزىگىمۇ پايدىسى تەگمەيدۇ. بىز ئىقتىساد ـ سودا، پەن ـ تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا، قوراللاشتۇرۇشقا قارشى تۇرىمىز. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئازايمىدى، بەلكى تېخىمۇ كۆپەيدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ توقۇنۇشماسلىقى، قارشىلاشماسلىقى، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئورتاق مەنپەئىتى. جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلدى، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىدىن نەپكە ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇمۇ ئورتاق مەنپەئەت. يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى جانلىنىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشمۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇمۇ يەنىلا ئورتاق مەنپەئەت. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا پايدا ـ مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ياخشى كەيپىيات ۋە مۇقىم مۇناسىۋەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.


  بايدېن مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تونۇشقىلى ئۇزاق يىل بولدى، دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ كەلدۇق، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن يۈزتۇرا ئۇچرىشىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىجابىي مۇناسىۋەتنى ساقلاش مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام ـ دەرىجىلىكلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدا سەمىمىي سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق مۇھىم يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ، ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم، پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەشنى خالايمەنكى، بىر مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان جۇڭگو ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، «ئىككى جۇڭگو» «بىر جۇڭگو بىر تەيۋەن»نىمۇ قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش مەقسىتى يوق. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن «ئالاقىنى ئۈزۈش» ئۈستىدە ئىزدىنىش مەقسىتىمۇ يوق، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتى يوق، جۇڭگونى قورشاپ توسۇش مەقسىتى يوق.


  بايدېن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشى كەلگۈسى دۇنيانىڭ يۈزلىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا ـ جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ دۇنياغا ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ ـ تىزگىنلەپ، ئۇقۇشماسلىق، خاتا ھۆكۈم قىلىش ياكى كەسكىن رىقابەتنىڭ قارشىلىشىش، ھەتتا توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنالايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشتا ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىرىنسىپ تۇرغۇزۇش كېرەكلىكىنى، ئىككى تەرەپ كوللېكتىپىنىڭ بار بولغان ئورتاق تونۇش ئاساسىدا داۋاملىق سۆھبەتلىشىپ، بالدۇرراق بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىنى قورال قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە كوللېكتىپىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، دائىملىق كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇشىغا قوشۇلدى. ئىككى دۆلەت مالىيە ـ پۇل مۇئامىلە كوللېكتىپىنىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتى، ئىقتىساد ـ سودا قاتارلىق مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىش، ماسلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىغا قوشۇلدى. ئورتاق تىرىشىپ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» 27 ـ قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشتا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ـ ئامېرىكا بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىشكە قوشۇلدى.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ھازىرقى ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. كىرىزىس پارتلىغاندىن كېيىن، مەن «تۆت كېرەك»نى ئوتتۇرىغا قويدۇم، يېقىندا مەن يەنە «تۆت ئورتاق»نى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن ئىبارەت يەرشارىۋى، بىرىكىش خاراكتېرلىك بۇنداق كىرىزىس ئالدىدا، مۇنداق بىرقانچە مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ: بىرىنچى، توقۇنۇشتا، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى يوق؛ ئىككىنچى، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ ئاددىي ھەل قىلىنىش چارىسى يوق؛ ئۈچىنچى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىشىشىدىن جەزمەن ساقلىنىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن ـ ئاخىر تىنچلىق تەرەپتە تۇرۇپ، داۋاملىق ياراشتۇرىدۇ، سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، رۇسىيە ـ ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ ھەم ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.


  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىردەك مۇنداق قارىدى: ئۇچرىشىش چوڭقۇر سەمىمىي ۋە ئىجابىي بولدى، ئىككى دۆلەت خىزمەت كوللېكتىپىغا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ۋاقتىدا ئەگىشىپ مېڭىپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىش يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ۋەزىپە قىلىپ يۈكلەيمىز. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى دائىملىق ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاشقا قوشۇلدى.



  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ