مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

2022.11.14 22:55 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 11–ئاينىڭ 13–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كامبودژانىڭ فىنوم پېندا 17–نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشقىلار يىغىنىغا قاتناشتى.


  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى


  شۇ جاي ۋاقتى 11–ئاينىڭ 13–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ كامبودژانىڭ فىنوم پېندا 17-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ، ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانىس، يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئادئېن، ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى دانكار، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇپ، ئېنېرگىيە، ئاشلىق، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى ۋە خىرىسى توختىماي يۈزبەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر رايون ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ، مۇقىم بولۇپ، رايون ئىقتىسادى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، مۇقىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى شەكىللەندى. رايون خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ساداسى تېخىمۇ كۈچەيدى. رايوندىكى دۆلەتلەر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق ئۈچ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:


  بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجابىي ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. رەھبەرلەر يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك مۇنبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشلىقلار يىغىنى سۆھبەتلىشىش سۇپىسىغا ئايلىنىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ سۆھبەتلىشىپ كېڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، مۇناسىۋەتنى ئۈزمەسلىك، قارشىلىشىش يولىغا ماڭماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت، كەيپىيات يارىتىپ، شەرقىي ئاسىيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى، مۇقىملىقىنىڭ ئۇل تېشىنى بىرلىكتە پۇختىلاشنى خالايدۇ.


  ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ياخشى يولغا قويۇپ، كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېنېرگىيە ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، رايونلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


  ئۈچىنچى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركەزلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان رايون رامكىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدىكى شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق قۇرۇلمىسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى سىغدۇرىدۇ، بۇ، رايون ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن. بۇ قۇرۇلمىنى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركىزى ئورنىدىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى يېتەكچى ئورنىنى قوللىشى كېرەك. جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى قوغداشنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.


  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: نەنخەي دېڭىزى سەپىرى ئەركىنلىكىنى قوغداش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ئەڭ چوڭ مال سودىسى دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن %60 سودىسى نەنخەي دېڭىزىدىن ئۆتىدۇ، جۇڭگو نەنخەي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە سۇ يولىنىڭ راۋانلىقىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىمزالانغىنىغا 20 يىل بولغان «نەنخەي دېڭىزىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتابنامىسى»نىڭ روھى ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقارا قانۇن پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بىردەك كېڭىشىش پىرىنسىپى بويىچە «نەنخەي دېڭىزى ھەرىكەت مىزانى» كېڭىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ نەنخەي دېڭىزىنى تىنچلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق دېڭىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى قوللايدۇ.


  لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى تىنچ تاشقى مۇھىت ۋە مۇقىم رايون مۇھىتىدىن كەلگەن، بۇ، جۇڭگونىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ماڭىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەرقىي ئاسىيادىن ئىبارەت گۈزەل ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.


  يىغىندا خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا رىئايە قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، ئىدراكىي ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، يادرو قورالى ئىشلىتىش ۋە تەھدىت سېلىشقا قارشى تۇرىدۇ، يادرو قورالىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، يادرو ئۇرۇشى قىلغىلى بولمايدۇ، يەنىلا تىنچ دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. لى كېچياڭ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى، بىرما قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگونىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى.


  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى خەلقئارا جىددىي ۋەزىيەت ۋە كۆپ خىل خىرىس ئالدىدا، رايون دۆلەتلىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەت ۋە ماھىيەتلىك ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېگىشلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە، ئاشلىق، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ، ئىناق، گۈللەنگەن شەرقىي ئاسىيا رايونى بەرپا قىلىش كېرەك.


  شياۋ جيې يىغىنغا قاتناشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى



  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ