مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار يامان غەرەزدە ئېكراننى ئىگىلەپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا دائىر تىپىك دېلودىن ئۈچنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ ئاشكارىلىدى

2022.11.16 22:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتىكى يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تېزدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. لېكىن قىسمەن تور ئەھلى يامان غەرەزدە ئېكراننى ئىگىلەش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلدى. شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئەگەشمە ئىنكاس مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، ئالاقىدار خادىملارنىڭ توردا قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  1-دېلو: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى لى Xنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلوسى

  2022-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تور ئەھلى لى X (ئەر، 41 ياش، پائالىيەت مەيدانى: قەشقەر شەھىرى)نىڭ كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھېسابات نومۇرى ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋاقىت جەدۋىلىنى توپلاپ ھەمدە قىسقا سىن ئارقىلىق «دوۋيىن نوپۇزلۇق ئاخبارات تاراتقۇلار ئىستاتىستىكىسى كەلدى، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگەنسىلەر» دېگەن مەزمۇننى تارقىتىپ، باشقىلارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھېسابات نومۇرى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا يامان غەرەزدە ئېكراننى ئىگىللەشكە قۇترىتىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى لى Xكە قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  2-دېلو: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى خۇاڭ Xنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلوسى

  2022-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تور ئەھلى خۇاڭ X (ئەر، 28 ياش، پائالىيەت مەيدانى: ئۈرۈمچى شەھىرى)نىڭ گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، يامان غەرەزدە «ئۈرۈمچى» دېگەن خەت بىلەن ئېكراننى ئىگىللەپ ھەمدە بۇ ئىنكاسنى كەسمە رەسىم قىلغاندىن كېيىن قىسقا سىن ئارقىلىق تارقىتىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 12-ماددىسى، «ئالاقە تورى ئەگەشمە ئىنكاس مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»نىڭ 6-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خۇاڭ Xكە قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  3-دېلو: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور ئەھلى لى Xنىڭ ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش دېلوسى

  2022-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تور ئەھلى لى X (ئەر، 36 ياش، پائالىيەت مەيدانى: ئۈرۈمچى شەھىرى)نىڭ گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئىنكاس رايونىدا يامان غەرەزدە ئېكراننى ئېگىللىگەن مەزمۇننى كۆرۈپ، ئۆز مەيلىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەزمۇنىنى سىنغا ئېلىپ ھەمدە قىسقا سىن سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى دوراشقا قۇترىتىپ، ئاممىۋى تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»نىڭ 12-ماددىسى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى»نىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى لى Xكە قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  ئالاقە تورى ئۇچۇرى تارماقلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئالاقە تورى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، يېقىندا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە يامان غەرەزدە ئېكراننى ئىگىللەپ، تور ئاممىۋى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. كەڭ تور ئەھلىنىڭ قانۇننى بىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، تورغا مەدەنىي چىقىپ، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، پاكىز تور بوشلۇقىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلارنى پائال پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ