مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ قالغان ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى

2022.10.22 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، كورلا شەھىرىدىكى مەلۇم ئاپتوموبىل سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مېڭ خانىم خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى» ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۈيگە سۆز قالدۇرۇپ «يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، بانكا قەرزىنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كېتىپ قايتۇرالمىدۇق، كارخانىمىزنىڭ مەبلەغ زەنجىرى ئۈزۈلۈپ، تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى، رەھبەرلەرنىڭ كارخانىمىزغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ ياردەم سورىدى.


  ئىگىلىنىشىچە، مېڭ خانىم ئىزچىل ئاپتوموبىل سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، ھازىر ئىككى4S دۇكىنى بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۇقىم ۋە ياخشى ئىكەن. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە ئايدا يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، كارخانىنىڭ تىجارىتى زور زەربىگە ئۇچراپ، ئاپتوموبىللار بېسىلىپ قېلىپ، مەبلەغ ۋاقتىدا يىغىۋېلىنماي، ئايلانما مەبلەغ ئوبوروتى كەمچىل بولۇپ، كارخانا ۋەيران بولۇش خەۋپىگە، يۈزگە يېقىن ئىشچى ـ خىزمەتچىمۇ ئىشسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.


  ياردەم تەلەپ قىلىش سۆزىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇچۇر ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسى دەرھال بۇ قىيىنچىلىقنى بېجىرىشكە يوللىدى، ئەتىسى كورلا شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسى ۋە خەلق بانكىسى بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەركىزىي تارماق بانكىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى مېڭ خانىم بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئەھۋالنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەمدە ماسلاشتۇرۇپ بېجىردى. كورلا يېزا سودا بانكىسى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ قىيىنچىلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، توردىكى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەكشۈرۈش، تېز سۈرەتتە توردا تەستىقلاش، سىن ئارقىلىق يۈز تۇرانە ئىمزالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق 5 مىليون يۈەن قەرز تارقىتىپ، كارخانىنىڭ تىجارىتىنى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، مەبلەغنىڭ ئوبوروت بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى.


  10-ئاينىڭ 20- كۈنى مېڭ خانىم تېلېفوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: قالدۇرغان سۆزۈمنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە كورلا شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، خىزمەتچى خادىملار ناھايىتى تېزلا مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەسىلىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ بەردى، كورلا يېزا سودا بانكىسىمۇ ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىپ، سۆز قالدۇرۇپ بىر ھەپتىگە قالمايلا بىزگە بەرگەن قەرز پۇل ھېساباتقا كىردى، موھتاجلىقتا ھەقىقەتەنمۇ جانغا ئەسقاتتى، كارخانىمىزنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.


  كورلا يېزا سودا بانكىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى ما جېنجيې مۇنداق دېدى: كىرېدىت بىلەن مۇقىم تەمىنلەش ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى ئۇل تاش. مېڭ خانىمنىڭ كەچۈرمىشى پەقەت كورلا يېزا سودا بانكىسىنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەنلىكىدىكى بىر كۆرۈنۈش. بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، كورلا يېزا سودا بانكىسى كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسىتىگە پائال ئاۋاز قوشۇپ، كىرېدىت سىياسىتىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە قولايلىق يارىتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا كىرېدىت ياردىمى بىرىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى.


  ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەملەرنى بېرىش ئۈچۈن، خەلق گېزىتى باش مۇھەررىر ئىشخانىسى بىلەن خەلق تورىنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى» دە «ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز، بىز يۈكىڭىزنى يېنىكلىتىپ، قىيىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلىشىڭىزغا ياردەم بېرىمىز» دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئىگىلىرى، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى مەسىلىلەرنى سۆزلەشكە، تەكلىپلىرىنى بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ