مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇم مەزگىلىدە سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان بوۋاقلار دوختۇرخانىدا داۋالانسا، ئاتچوت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولامدۇ؟ جاۋاب كەلدى!

2022.10.21 21:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يۇقۇم مەزگىلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا تېببىي تۇغۇلۇش ئىسپاتى بېجىرگىلى بولمىغانلىقتىن، سۇغۇرتىغا قاتنىشالمىغان ئىدى، ئاتچوت قىلىشقىمۇ بولمىدى، بۇنداق ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋە ئاتچوت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولامدۇ؟»

  يېقىندا، نۇرغۇن تورداش «ئانار بۇلۇت 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن سوئال» سۆز قالدۇرۇش تاختىسىدا، يۇقۇم مەزگىلىدىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىر تورداش سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ بالام 8-ئاينىڭ 26-كۈنى تۇغۇلغان، 9-ئاينىڭ بېشىدا ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، يۇقۇم سەۋەبىدىن تېببىي تۇغۇلۇش ئىسپاتى بېجىرىشكە ئامال بولمىدى، شۇنداقلا سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدۇق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش ۋاقتى ئۈچ ئاي ئىكەن. يۇقۇم سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان داۋالاش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلغىلى بولمىغاندا، بۇ ۋاقىتنى ئۇزارتقىلى بولامدۇ-يوق، قانچىلىك ئۇزارتقىلى بولىدۇ؟ كېيىنكى مەزگىلدە، ئەگەر دوختۇرخانىدا تېببىي تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى بېجىرىدىغانلار كۆپ بولۇپ، ۋاقتى ئۇزىراپ كەتسە، يەنە ئاتچوت قىلغىلى بولامدۇ؟

  10-ئاينىڭ 17-كۈنى، تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن مەسلىھەت سورىدى، ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملار بۇ مەسىلىگە كونكرېت جاۋاب بەردى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش سىياسىتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، «مۇددەتنى ئۇزارتىپ بېجىرىش»نىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، يەنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سىياسەت بويىچە ئۈچ ئاي ئىچىدە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ھەم تۇغۇلغاندىن بۇيانقى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك، ھازىر يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۈچ ئاي ئىچىدە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ۋاقتى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۇزارتىلىدۇ.

  تورداشلار سورىغان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش ۋاقتىنى قانچىلىك ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ئەگەر كېيىنكى مەزگىلدە تۇغۇلغانلىق ئىسپاتىنى بېجىرىدىغان ئادەم بەك كۆپ بولۇپ، ئۇزارتىش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك، دېگەن مەسىلىگە قارىتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئۈچ ئاي ئىچىدە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۈن سانىنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلىنىدۇ، ئېشىپ قالغان ۋاقىتتا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھەققىنى بېجىرىپ بولۇش ھەم سۈرۈشتۈرۈپ ئاتچوت قىلىش كېرەك.

  ئەگەر يەنە سوئال بولسا ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى شۆبە مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ:

  تيانشان رايونلۇق شۆبە مەركىزى (قوشۇمچە داۋانچىڭ رايونلۇق شۆبە مەركىزى): 2337203-0991؛

  سايباغ رايونلۇق شۆبە مەركىزى: 4533029-0991؛

  يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبە مەركىزى: 3193797-0991؛

  بۇلاقتاغ رايونلۇق شۆبە مەركىزى (قوشۇمچە ئۈرۈمچى ناھىيەلىك شۆبە مەركىزى): 4613071-0991؛

  ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شۆبە مەركىزى: 3720782-0991؛

  مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى مەركىزى: 3306873-0991

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ