مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

20-قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ سالاپىتى / رىزۋانگۇل ساۋۇت: خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىر خىل بەختلىك ئىش

2022.10.09 13:17 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تودۇنخې رايونى) گاڭچېڭ كوچا باشقارمىسى كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ كادىرى بەي جىنئې مۇنداق دەيدۇ: «شۇجىغا ئەگىشىپ ئىش قىلسام غەيرىتىم ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇ دائىم سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، يېرىم كېچە سائەت 2 دىن ئاشقاندا ئاممىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلغاندا، شۇجى بورانغا قارىماي ئاممىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرىدۇ، ماڭا پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك سىماسىنى كۆرسىتىدۇ».

  بەي جىنئې دەۋاتقان بۇ شۇجى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى رىزۋانگۈل ساۋۇت. بۇ يىل ئۇ شەرەپ بىلەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.

  2008 -يىلى 11-ئايدا رىزۋانگۈل كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسىگە بېرىپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. ئەينى چاغدا مەھەللىدە كۆچمە نوپۇس كۆپ، ئاھالىلەرنىڭ پىكرى كۆپ ئىدى؛ ھازىر مەھەللىدە سودا تور نۇقتىلىرى كۆپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتى كۆپ، ئاھالىلەرنىڭ ئالقىشلىرى كۆپ. 14 يىلدىن بۇيان، رىزۋانگۈل «ئاھالىلەرنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش»نى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلدى.

  رىزۋانگۈل شىنسۇن دۇڭجيې مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، شىنسۈن دۇڭجيې مەھەللىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىردى، ئۇ ئۆزىنىڭ شىنسۈن دۇڭجيې مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى ئەن باۋدىڭ ئىسىملىك بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

  رىزۋانگۈل مۇنداق دەيدۇ: «ئەن شۇجى كەسىپنى ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ، كادىرلار ۋە ئاھالىلەر ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇ ماڭا ئاھالىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش، بەنزە ئەزالىرىنىڭ قايىل بولۇشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىپ، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى»، ئەن باۋدىڭنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئۇنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئۆلچىمى ۋە تېرىشىش نىشانى بولۇپ قالدى.

  كەلپىن يولىغا يېڭى كەلگەندە، رىزۋانگۈلنىڭ قىلغان تۇنجى ئىشى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئاممىنىڭ ئىھتىياجىنى ئىگىلەش بولدى، كەچتە ئۇ مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، خىزمەت ۋەزىپىسى بەلگىلىمىسى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېرىم ئايدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق، ئاھەللە كادىرلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچەيدى.

  ئەينى چاغدا رىزۋانگۈل مەھەللىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئون نەچچە كادىر، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى ئاھالىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى توپلاشقا، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا تەكلىپ قىلدى... تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە بىرلىكتە مۇلازىمەت قىلدى.

  پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، رىزۋانگۈل مەھەللىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنى تەسىس قىلىپ، «مىكرو پارتىيە دەرسى»، «مىكرو لېكسىيە» تەسىس قىلىپ، ئۈچ ئورۇن، 42 تىجارەتچىنىڭ مەھەللە بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئايدا بىر قېتىم باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى كوللېكتىپ ئۆگىنىش، باش تېمىلىق ئەمەلىيەت، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتتى.

  رىزۋانگۈل يەنە مەھەللىدىكى پېنسىيەگە چىققان 140 نەچچە پارتىيە ئەزاسى، ئامما ئارىسىدىكى پارتىيە ئەزاسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، «ئامما پىكىر بايان قىلىش نۇقتىسى» تەسىس قىلىپ، كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. كىم ئۆي بېزەشتە مەسىلىگە يولۇققان بولسا، قايسى بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىش ماتېرىيالى تولۇق بولمىسا، قايسى ئاھالە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئېھتىياجلىق بولسا... «ئامما پىكىر بايان قىلىش نۇقتىسى» ھەممىنى ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بەردى. بۇ يىل 3-ئايدا قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، «ئامما پىكىر بايان قىلىش نۇقتىسى» ئاھالىلەرنىڭ 100 گە يېقىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەممە ئىشنىڭ جاۋابى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسىگە قوشنا مەھەللىدىكى ئاھالىلەر دائىم كېلىپ ياردەم تەلەپ قىلاتتى، رىزۋانگۈل دائىم ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، قوشنا مەھەللىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىشكە تەكلىپ قىلىپ، «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىشخانىسى» قۇردى. تۇرسۇن مەمەت بىڭخې مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى، ئۇ «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىشخانىسى»غا كېلىپ، ئاھالىلەر پائالىيەت مەيدانىدا ئاممىۋى ھاجەتخانا بولماسلىق، مەھەللىدىكى ۋاسكېتبول جازىسى بۇزۇلۇپ كېتىپ رېمونت قىلىدىغان ئادەم يوقلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى. رىزۋانگۈل ۋە بىڭخې مەھەللىسىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نەق مەيداننى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەھۋالنى دەرھال ئالاقىدار تارماقلارغا ئىنكاس قىلدى ھەم داۋاملىق دىققەت قىلىپ، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. «خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىشخانىسى» قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان نەچچە ئون مەسىلە ھەل قىلىندى.

  ئەسلى مۇددىئا تاشتەك مۇستەھكەم، بۇرچ زىممىمىزدە. رىزۋانگۈل كەلپىن يولى شىمالىي مەھەللىسىدە 14 يىل خىزمەت قىلدى، ئۇ ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، ئاھالىلەرنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خىزمەتنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلىدى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىر خىل بەختلىك ئىش».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ