مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.09.27 21:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى كەچتە كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلدى، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆزگەرتىپ، تاكتىكا-تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، دەللىكى، قاراتمىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ياخشىلىدى، مۇكەممەللەشتۈردى ۋە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكىنى، دەللىكىنى، قاراتمىلىقىنى ئۆستۈرۈش «ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش» باش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ زۆرۈر مەزمۇنى، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش كېرەك؛ ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قارىتا ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، ھەتتا يۇقۇمنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىلغان ئەجىرنى يوققا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ، جەزمەن قانۇن بويىچە ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن، تېز بولۇش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى ئىنچىكە، دەل جايىدا بولۇش، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش پۇختا، كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، بالدۇر-تېز، ئىنچىكە-پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، يۆتكەش، ئايرىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلار، پۈتۈن زەنجىرلىك يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، بارلىق خەۋپ-خەتەر نۇقتىلىرى، خەۋپ-خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي باشقۇرۇش، تىزگىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تارقىلىش يوللىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاغرىق مىسالى ياكى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پائالىيەت ئىزى ھەمدە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن دەل جايىدا تۈرگە ئايرىپ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن رايونلارنى ئىلمىي بېكىتىپ، مۇناسىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش؛ باشقۇرۇش تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ۋە تاكتىكا-تەدبىرلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى ھەل قىلىپ، باشتىن-ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ-ئامانلىقى، ھال-ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئاممىنىڭ ئوي-پىكرى ۋە ئەندىشىسى، تەقەززاسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، ئىلتىماس-تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، كىرىم، ئىجارە ھەققى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش، سېتىش قاتارلىق ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ھەل قىلىش، پائال تەشەببۇسكار بولۇپ خەلق تۇرمۇشى ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئىنچىكىلىك، سەۋرچانلىق، ئىللىقلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش؛ ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجىغا كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش، ھاۋانىڭ سوۋۇشى قاتارلىق ئامىللارنى ئويلىشىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. ئاساسىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى كەمتۈكلۈكلەرگە قارىتا ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش، خادىملارنى تەربىيەلەش، رايونلار بىرتۇتاش پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، تەرتىپنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى كونترول قىلىشنى چىڭىتىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئايرىش نۇقتىلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە زاپاس تەييارلاشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، ئايرىپ يۆتكەپ توشۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا كەسپىي كۈچلەرنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا، توغرا، ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىپ، تور ۋە تور سىرتى، دۆلەت ئىچى-خەلقئارا، چوڭ-كىچىك ئىشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى چۈشىنىش، قوللاش، پائال ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «تۆت تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى»نى چىڭىتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەقىل-پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، ماسلاشتۇرۇپ ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇشى كېرەك، مەسئۇل رەھبەرلەر ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى؛ ئالاقىدار تارماقلار ئۆز كەسپى، ئۆز سىستېمىسى، ئۆز ساھەسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خىزمەت پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، بىر تەرەپلىمىلىكنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، ئاددىي ھالدا تاقىۋېتىپلا بولدى قىلىش، توختىتىپلا بولدى قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئۇسۇللارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. «قابىلىيەت يېتىشمەسلىك ۋەھىمىسى»، ئىقتىدار يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ