مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلى نوپۇسىدىكى ئامما «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى» APPسى ئارقىلىق نوپۇس يۆتكەش، تۇغۇت ئىلتىماسى سۇنۇش، نوپۇس ئۆچۈرۈش قاتارلىق 21 تۈرلۈك نوپۇس كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ

2022.09.20 14:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-چېسلا كەچتە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇم مۇداپىيە-تىزگىن ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى زېڭ جۈنفېڭ ئىلى ئوبلاستىدىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئىلى ئوبلاستىدىكى ج خ ئورگانلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «كۆرۈشمەي»، «ئۇچراشماي»، «تېلېفون + ئۈندىدار» ئارقىلىق كەسىپ بېجىرىپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ نورمال بېجىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.


  ئىلى نوپۇسىدىكى ئامما «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى» APPسىنى چۈشۈرۈپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ نوپۇس يۆتكەش، تۇغۇت ئىلتىماسى قىلىش، نوپۇس ئۆچۈرۈش قاتارلىق 21 تۈرلۈك نوپۇس كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ، يەنە «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۈندىدار ساقچى ئىشلىرى» ئۈندىدار ئەپچىقى ئارقىلىق كىملىكنى تولۇقلاپ بىجىرىش، ۋاقىتلىق كىملىك ئىسپاتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ. توردا بېجىرىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا نوپۇس كەسپلىرىنى ئاساسلىق ماتېرىياللار بولسىلا كەسىپ بېجىرىپ بېرىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، نوپۇس ساقچىسى «تېلېفون + ئۈندىدار» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاممىغا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئۇقتۇرۇپ، ئامما ئۈندىدار ئارقىلىق ماتېرىياللارنى خەلق ساقچىسىنىڭ كەسىپ بېجىرىپ بېرىشىگە يوللاپ بېرىپ، كېيىنكى مەزگىلدە قەغەز ماتېرىياللارنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇش بەلگىلەندى. ھەر مىللەت ئاممىسى كەسىپ بېجىرىش جەريانىدا مەسىلىلىرى بولسا8063153-0999 نومۇرغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ