مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلى ئوبلاستى ئەگەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتىكى تەلەپ ۋە مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، 8023049-0999، 8024530 غا تېلېفون قىلىشنى ئۇقتۇردى

2022.09.16 20:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى زېڭ جۈنفېڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئىلى ئوبلاستى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشىنى داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇپ ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەڭشەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «1000 مو يەرگە بىر كومبايىن سەپلەش، بىر كومبايىنغا بىر كاپالەتلىك قىلىش ئاپتوموبىلى، ئىككى تىرانسپورت ئاپتوموبىلى سەپلەش» ئۆلچىمى بويىچە ماشىنىدا يىغىش مەشغۇلاتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، توسۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېزا-كەنت ئىككى دەرىجە بويىچە كۈزلۈك يىغىمغا ئېھتىياجلىق دېھقان ئائىلىلىرىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئىستاتىستىكا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلارغا، يېزا-كەنت ئىككى دەرىجە بويىچە پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىق كۈچلەرنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەم بېرىپ، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىش، بىر تالنىمۇ قويماي ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارغا قارىتا رايون، جايلار بويىچە ۋاقىت جەدۋىلى چىقىرىپ، كۈنتەرتىپ سۈرئىتىنى بېكىتىپ، ھەر كۈنى ئورۇلىدىغان زىرائەت يەرلىرىنى بېكىتىپ، كۈزلۈك يىغىمغا قاتناشقان خادىملارنىڭ توپلاشماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ھەر قايسى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەگەر يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى دەۋا تەلىپى ۋە مەسىلىسى بولسا، 8023049-0999، 0999-8024530 غا تېلېفون قىلسا بولىدۇ، ئىلى ئوبلاستى پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ