مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش!

2022.09.13 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى كېڭەيتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، باشقا نۇقتىلىق شەھەر رايونلىرىدا جەمئىيەت دائىرىسىدە يۆتكىلىشنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ:

  ◇ تىيانشان رايونىدىكى بارلىق ئوتتۇرا خەۋپلىك مەھەللىلەردە ئاھالىلەر بىنادىن چۈشۈپ پائالىيەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن ئولتۇراق رايوندىن چىقماسلىق تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ؛

  ◇ تىيانشان رايونىدىكى بارلىق خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر «ئىسپات بولۇش، ۋاقىت چېكى بولۇش، يۇقىرى پەللىدىن ئۆتۈپ كېتىش» پىرىنسىپى بويىچە، ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ پائالىيەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن رايون ھالقىپ يۆتكىلىشكە چەك قويۇلىدۇ؛

  ◇ پۈتۈن شەھەردىكى خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بارلىق ئولتۇراق رايونلاردىكى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەقىقەتەن ئىش بېجىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە، خىزمەتچى خادىملار ئىش ئورنى ۋە ئائىلە ئوتتۇرىسىدا قاتناپ ئىشقا بېرىپ-كەلسە بولىدۇ؛ ئىدارىدە يېپىق ھالەتتە ئىش بېجىرگەنلەر ئىش ئورنى ۋە ئائىلە ئوتتۇرىسىدا قاتناپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق تۆۋەن خەتەرلىك ئولتۇراق رايونىغا قايتىپ كەلسە بولىدۇ.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: «تىيانشان رايونىدىكى تۆۋەن خەتەرلىك ئولتۇراق رايونىدا نېمىشقا ھازىرغىچە باشقۇرۇش، تىزگىنلەش بىكار قىلىنمايدۇ؟ نېمىشقا ئامما سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلسا بولمايدۇ؟ ئورگان، ئىدارىدىكى خادىملار نېمىشقا ئىشقا چىقىپ-چۈشسە بولمايدۇ؟

  جاڭ شىنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تىيانشان رايونىدا جەمئىي 1132 مەھەللە بار، 9-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، جەمئىي 33 خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايون، 15 ئوتتۇرا ھال خەۋپ-خەتەر رايونى ئايرىلغان بولۇپ، 142 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى (ھويلا) نى قاپلىغان. قالغان 990 تۆۋەن خەتەرلىك ئولتۇراق رايون ئىچىدە، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ پائالىيەت قىلالايدىغىنى 575، بىنادىن چۈشسىمۇ، مەھەللىدىن چىقماي پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغىنى 415.

  تىيانشان رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا تەۋە بولۇپ، نوپۇسى كۆپ، سودىسى تەرەققىي قىلغان، خادىملارنىڭ ئېقىشچانلىقى چوڭ. بولۇپمۇ تەۋەلىكىمىزدە كونا ئولتۇراق رايونلار كۆپ، خوجىلىق باشقۇرۇشى بولمىغان كىچىك رايونلار كۆپ، بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمنىڭ ھاۋادا تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى چوڭ. ئايرىلغان 142 يۇقىرى-ئوتتۇرا خەتەرلىك ئولتۇراق رايون بىلەن خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن بولغان نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلار گىرەلىشىپ جايلاشقان بولۇپ، زىچ باغلىنىشلىق، نۇرغۇنلىرى پەقەت بىر تام، بىر يول بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر خادىملارنىڭ ئېقىشچانلىقى چوڭ بولسا، مۇقەررەر ھالدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

  يېقىندا بىز تىيانشان رايونىدا دائىملىق يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خادىملىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىدۇق، تارقىلىشچان كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ پائالىيەت يولىنىڭ خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن نۇرغۇن ئولتۇراق رايونغا چېتىلىدىغانلىقى بايقالدى. يۇقۇمنىڭ يەنىمۇ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىر قەدەر قاتتىق بولغان ئولتۇراق رايوننى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىلدى.

  قىسقىسى، بىز يۇقىرىقى ئامىللارنى ئويلىشىپ، ئاساسلىقى جەمئىيەتتىكى يۆتكىلىشنى ئازايتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، تىيانشان رايونىدىكى خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن ئولتۇراق رايونلارنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتۇق. بۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە تىيانشان رايونىدىكى ئاھالىلەرگە نۇرغۇن خىزمەت ۋە تۇرمۇش قولايسىزلىقىنى ئېلىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىلىرى، دوستلارنىڭ كۆپرەك چۈشىنىشىنى، كۆپرەك ئەپۇ قىلىپ، كۆپرەك قوللاپ، بىز بىلەن بىللە داۋاملىق تىرىشىپ، داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا بالدۇرراق قايتىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ