مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىلى ئوبلاستى يېقىندا توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2022.09.13 16:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى زېڭ جۈنفېڭ ئىلى ئوبلاستىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى توردا پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  يېقىندا، شۇ جايدىكى ئايرىم تور ئەھلى ئالاقە تورى ئارقىلىق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، قارشىلىشىش كەيپىياتىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. توردا تارقىتىش تەرتىپىنى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، تەۋەلىك بويىچە ناھىيەلىك، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىلىرى ئالاقىدار خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. ئالاقىدار دېلو مىساللىرىنى تۆۋەندىكىچە خەۋەرلەندۈرىمىز:

  بىرىنچى، غۇلجا شەھىرىدىكى تور ئەھلى زۇ xx تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، «ياشانغان كىشى ئاچلىق سەۋەبىدىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن ساختا ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، زۇ xx كە بەش كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئىككىنچى، غۇلجا شەھىرىدىكى تور ئەھلى جۇڭ XX تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، «ئاھالىلەر بىناسىدا توۋلىغانلىقتىن، پىدائىيلار ئۇنى ئۇرۇپ چىشىنى تۆكۈۋەتتى» دېگەن ساختا ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جۇڭ xx كە 10 كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئۈچىنچى، غۇلجا شەھىرىدىكى تور ئەھلى سۇ xx ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاممىنى قارشىلىشىش كەيپىياتىغا قۇترىتىپ ھەم زور مىقداردا تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»نىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سۇ xx كە بەش كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى.

  تۆتىنچى، غۇلجا شەھىرىدىكى تور ئەھلى جاۋ xx ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاھالىلەرنى بىنادىن چۈشۈپ يىغىلىشقا ئاشكارا قۇترىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جاۋ xx كە بەش كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى.

  بەشىنچى، قورغاس ناھىيەسىدىكى تور ئەھلى يا xx تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، توردىكى پىتنە-ئىغۋاغا بىرىكتۈرۈپ «بىر بوۋاي مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆيدە ئۆلۈپ قالدى، مەھەللە دەپنە قىلىشقا يول قويمىدى، خېسۇەن قىلمىغۇچە سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ دېدى، ئۆلگىلى ئىككى كۈن بولسىمۇ ئۆيدە تۇرۇپ قالدى» دېگەن ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغان. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» نىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن يا xx كە يەتتە كۈن مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئالتىنچى، قورغاس ناھىيەسىدىكى تور ئەھلى جىن X تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، «غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئىككى ياشلىق بالا قىزىپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، دەپنە قىلىنالماي توڭلاتقۇدا توڭلىتىپ قويۇلدى» قاتارلىق ساختا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، توردا ئاممىنى قارشىلىشىش كەيپىياتىغا قۇترىتىپ، تور ئەھلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان. نۆۋەتتە جىن فامىلىلىك دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئىلىدىكى يۇقۇم پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھەدەپ ئويدۇرما توقۇپ، ئاتالمىش «ئېچىنىشلىق تۇرمۇش»نى كۆپتۈرۈپ، بۇنى باھانە قىلىپ تور ئالدامچىلىقى قىلغانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ خىل دېلولارنى بىز قاتتىق بىر تەرەپ قىلىمىز.

  يۇقۇم ئالدىدا، بىز ھەر بىر پۇقرا چەتتە قاراپ تۇرغۇچى ئەمەس، مۇناسىۋەتسىز كىشىمۇ ئەمەس، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كەڭ ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ماسلىشىشىغا موھتاج. بۇ يەردە، كەڭ ئاممىغا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى جاي ئەمەس، تور ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالى ساختا ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش، تارقىتىش ۋە تور ئالدامچىلىقى قىلىشقا چېتىشلىقلارغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى قاتتىق زەربە بېرىدۇ ھەم ئالاقىدار قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.

  ھازىر، ئىلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ تور ئەھلىنىڭ توردىكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىغۋا توقۇماسلىق، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئىغۋا تارقاتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پاكىز تور بوشلۇقى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ