مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قالتىس! شىنجاڭدىكى بۇ ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلغان پەنلەر دۇنيا بويىچە ESI تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى %1 ى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

2022.09.13 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا ئامرىكا كىلارۋىتىۋ شركىتىنىڭ ئاساسىي پەنلەر كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى (Essential Science Indicators، قىسقارتىلىپ ESI دەپ ئاتىلىدۇ) ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى داشۆسى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات ئىلمى پەنلىرى تۇنجى قېتىم ESI تىزىملىكى رەت تەرتىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %1 گە كىرگەن بولۇپ، دۆلىتىمىز بويىچە ESI تىزىملىكى رەت تەرتىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى %1 گە كىرگەن ئىككى مەكتەپنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئالىي مەكتەپلەر پەنلىرى قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان.


  بۇ قېتىمقى ئىستاستىكىلاش مۇددىتىدە، يەنى 2012-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2022-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، دۇنيا بويىچە جەمئىي 8047 ئاپپارات ئىچىدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى داشۆسى ئالدىنقى %1 ئىچىگە كىرگەن. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى داشۆسى دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە 382-ئورۇندا، دۇنيا بويىچە 5831-ئورۇندا بولۇپ، ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالە سانى 1461 پارچە، بۇ ئىلمىي ماقىلىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈلۈش قېتىم سانى 12266 بولغان.


  ئاساسىي پەنلەر كۆرسەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرى ESI پەن تەتقىقات ئۈنىمىنى ئۆلچەپ، ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئاساسىي تەھلىل يۈرگۈزىدىغان باھالاش قورالى. ئۇ بارلىق پەنلەرنى 22 كەسپىي تۈرگە ئايرىپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلغان SCIE ۋە SSCI ماقالىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىل جەريانىدىكى ئىلمىي ماقالە ۋە نەقىل كەلتۈرۈلۈش قېتىم سانىغا مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ۋە دۇنيا بويىچە ئومۇمىيۈزلۈك ئېتراپ قىلىنىدۇ.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ