مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

9– ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق تۆۋەن خەتەرلىك ئولتۇراق رايونلاردىكى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش بېجىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا،خىزمەتچى خادىملار «نوقتىدىن نوقتىغا بېرىش» شەكلىدە ئىشقا بېرىپ كەلسە بولىدۇ

2022.09.13 14:06 مەنبە: خەلق تورى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 11-چىسلا كەچتە يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ئەھۋالى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شىنيۇڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.


  يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق، 9 - ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى تۆۋەن خەتەرلىك رايونلارنىڭ تەرتىپلىك ھەرىكەت قىلىشىنى كېڭەيتىشىنى ئورۇنلاشتۇردى، باشقا نۇقتىلىق شەھەر رايونلىرىدا ئىجتىمائىي پائالىيەتنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بارلىق تۆۋەن خەتەرلىك ئولتۇراق رايونلاردىكى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىش بېجىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، خىزمەتچى خادىملار «نوقتىدىن نوقتىغا بېرىش» شەكلىدە ئىشقا بېرىپ كەلسە بولىدۇ؛ خىزمەت ئورنىدا يېپىق ھالەتتە ئىشلەۋاتقانلار، «نوقتىدىن نوقتىغا بېرىش» شەكلىدە تۆۋەن خەتەرلىك ئولتۇراق رايونىدىكى تۇرالغۇسىغا قايتسا بولىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ