مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ تارقاتقان «كارخانىغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتىكى 15 ماددا»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق تورىنىڭ رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق قىيىنچىلىق، دەۋا تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا يوللاپ بېجىرىش كېرەك

2022.08.26 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  8 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، شىنجاڭ «ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت، تەدبىر» نى تارقاتتى، 15 جەھەتتىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (بۇ سىياسەت-تەدبىر قىسقارتىلىپ» كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتىكى 15 ماددا« دېيىلىدۇ، ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۇلىنىشقا قاراڭ).

  بۇنىڭ ئىچىدىكى 14-ماددىدىكى «كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش»تە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش» بويىچە كەڭ كۆلەمدە زىيارەت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، زىيارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، سىياسەتنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ، سىياسەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، سىياسەت تەرتىپىنى چۈشەندۈرۈپ، سىياسەتنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى كونكرېت مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا بېرىدۇ. ئاپتونوم رايوندىكى كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىلەر ۋە شەخسلەرنىڭ يۇقۇمغا چېتىشلىق دەۋا تەلىپىنى نىشانلاپ بېجىرىش، ئىز قوغلاپ بېجىرىش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خەلق تورىنىڭ رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش كۆزنىكى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش»، 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسى، توردا ئەرز قىلىش قاتارلىق سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنكاس قىلىنغان يۇقۇمغا چېتىشلىق قىيىنچىلىق دەۋا تەلىپىنى ۋاقتىدا يوللاپ بېجىرىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالاقىدار ئىشلارغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، سودا نازارىتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئەرزىيەت ئىدارىسى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ۋە ئاممىۋىي بايلىق سودا مەركىزى، شىنجاڭ باج ئىدارىسى، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمە) مەسئۇل بولىدۇ.



كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

    مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : 热依拉 依沙木丁
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ