مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى زاتلار پاكىت ئارقىلىق «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» توغرىسىدىكى بىلجىرلاشلارغا ئىنكاس قايتۇردى

2021.11.09 10:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار، تاراتقۇلار «شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەۋجۇت» دېگەن سەپسەتەنى بازارغا سالغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى «ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئىلىم ساھەسىدىكى ئون نەچچە زات نەزەرىيە ئاساسى ۋە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن پاكىتلار ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن نېمە؟ خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى بەلگىلىگەن «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ھەرقانداق شەكىلدىكى جازانى تەھدىت قىلىپ، ھەرقانداق ئادەمنى مەجبۇرلايدىغان، مەجبۇرلانغۇچى خالىماي قىلغان بارلىق خىزمەت ياكى مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداشنى پۇختا قانۇن-نىزام شارائىتى بىلەن تەمىنلىدى. «بۇنداق قانۇن-تۈزۈملەشكەن باشقۇرۇش مۇھىتىدا، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر ھەدەپ تەرغىب قىلغان ئاتالمىش<مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> نىڭ يۈز بېرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.»

  سايران سەدىۋەققاس ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دەلىل-ئىسپات قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىمنىڭ بالىسى ئېرمەكبۇ يىل 4-ئايدا توكچىلىق كەسپى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق باقمىچىلىق بازىسى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۇ يەرنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولدى، ئەمگەك توختامىغا ئاساسەن، ئۇ كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ، داۋالىنىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە ئىجتىمائىي كاپالەتكە ئېرىشتى.

  شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: مەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ بايقىغان ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئەمگەكچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەكلىپ قىلىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن باراۋەر بولۇش، قوش يۆنىلىشلىك تاللاش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش پىرىنسىپى بويىچە ئەمگەكچىلەر بىلەن قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان.

  2016-يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆسى تارىخ شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى رەھمىتۇللا ھەسەن دائىم جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نەچچە يۈز دېھقان-چارۋىچى ۋە ئىشلەمچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن زىيارەت قىلغان ھەربىر ئىشچى ھازىرقى خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن رازى بولۇپ، ناھايىتى ئەركىن ھەم خۇشال ئۆتىۋاتىدۇ.شىنجاڭ پېداگوگىكا داشۆسى مائارىپ ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى ئابلەت ۋايىت ئۆزىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىغا شاھىت بولدى. «بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، يەنە بەزىلىرى مەمۇر، شىركەت خىزمەتچىسى، يەككە تىجارەتچى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلغان. ئېيتىڭلارچۇ، <مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش> سىياسىتىنى يولغا قويغان ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئەركىن ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يول قويامدۇ؟»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ