مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 12-شىسى ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جيەن قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

2021.11.09 10:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، 12-شى پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 12-شى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 12-شى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ساقچى باش نازارەتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋاڭ جيەن ج خ ئورگىنىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچىنى ئادا قىلمىغان، سىياسىي ئاڭ، پاكلىق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەشكىلىي قارىشى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇپ، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىپ،، پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىدىن قىلچە ئەيمەنمەستىن، ھوقۇق ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ، ئاچكۆزلۈك قىلىپ چىرىكلەشكەن، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، تەلۋىلەرچە ئىش قىلىپ، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان. ۋاڭ جيەن پارتىيەگە سادىق ۋە سەمىمىي بولماي، تىل بىرىكتۈرۈپ دەلىل-ئىسپاتلارنى ئويدۇرۇپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە جان-دىل بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن؛ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىپ، باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەن؛ كادىرلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ۋەزىپىگە تەيىنلەپ، ئادەم ئىشلىتىشتە مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەم بىپەرۋالىق قىلغان؛ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، قانۇنغا خىلاپ ھالدا دېلوغا چېتىشلىق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكەن؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، زور سوممىلىق پۇل-مال ئۈندۈرۈۋالغان ۋە قوبۇل قىلغان؛ شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇپ، جىنايىتى بار ئادەملەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ باشقىلارنىڭ سۈرۈشتۈرۈشىگە يول قويمىغان.

  ۋاڭ جيەننىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتىگە چېتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا ھوشىنى تاپمىغان، قولىنى يىغمىغان، ھەتتا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ قىلمىشلىرىنى توختاتمىغان. ئۇنىڭ خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغاچقا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، 12-شى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەم شى پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ۋاڭ جيەنگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ بەلگىلىمە بويىچە ئۇنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتىنى تەڭشەش؛ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قايتۇرۇۋېلىش؛ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ھەمدە چېتىشلىق مال-مۈلكىنى قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ