مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى ئۆتكەلنى ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، دەل جايىدا تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىپ، «بىرىنچى خىل ھالەت»تىن ياخشى، تولۇق پايدىلاندى

2021.10.18 20:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۆي-زېمىن ھوقۇقى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بۆلۈم مەسئۇلى جاۋ فامىلىلىك، فەن فامىلىلىك بىلەن بىر قېتىم كەسكىن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن خىزمەت ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ كېچىكىپ قېلىش، ئىش ئورنىغا چىقماسلىق ئەھۋالىنى قەتئىي توسۇپ، ئىش بېجىرىش كۆزنىكىنىڭ كەسپىي خىزمىتىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مەزكۇر شەھەرلىك ئۆي-زېمىن ھوقۇقى سودىسىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئىش بېجىرىش كۆزنىكىدە تۇيۇقسىز نومۇر چاقىرىشنى توختىتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئىش بېجىرگۈچى ئاممىغا زور قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەسلىدە نومۇر چاقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشقا مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار ئىش ئورنىغا ۋاقتىدا كېلىپ ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمىگەچكە، بۇ كۆزنەكنىڭ شۇ كۈنلۈك كەسىپ بېجىرىش خىزمىتىگە تەسىر يەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

  «ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ بارلىق قىلمىشلار ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلىشتىن باشلانغان. شۇجىنىڭ مەن بىلەن سۆھبەتلىشىشى ناھايىتى ۋاقتىدا ئەسكەرتمە بولدى، يىللىق باھالاش دەرىجىسىدە ‹لاياقەتسىز› بولغانلىقىم مېنىڭ خىزمىتىمدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈردى، مەن بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت پوزىتسىيەمنى توغرىلاپ، تىرىشىپ ئەستايىدىل خىزمەت قىلىمەن.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ كادىرى ئا × × 2020-يىللىق باھالاشتا ‹لاياقەتسىز› بولۇپ باھالانغان بولۇپ، بۇ ئورۇننىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى دەرھال ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، سەمىگە سېلىپ، قۇلىقىنى چىشلەپ، پېشىنى تارتىپ، كېسەللىكنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دەسلەپكى بىخ ھالىتىدە داۋالىدى.

  «‹بىرىنچى خىل ھالەت›تىن ياخشى پايدىلىنىش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم مۇداپىئە سېپى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئەسكەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىچىك خاتالىقنىڭ چوڭ ئاپەت پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ