مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

2021.10.18 09:54 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

  پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك

  10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى پاختا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسى تەھلىل قىلىندى، پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەتنىڭ پاختا كەسپىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختا ھوسۇلى مۇقىم ئېشىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىپ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ زەنجىرى سىجىل ئۇزارتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رولى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، پاختىچىلىق كەسپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خەلق تۇرمۇشى كەسپىگە ئايلاندى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، توقۇمىچىلىق كەسىپ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ سۈپىتى، ئەۋزەللىكى ۋە ئىستىقبالىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدا «ھوسۇلى يۇقىرى، سۈپىتى ياخشى» دەپ تەرىپلەنگەن شىنجاڭ پاختىسىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئورنىتىپ، خەلقئارا، دۆلەت ئىچىدىكى ماركا سودىگەرلىرى ۋە كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ شىنجاڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختىسىنى پىششىق بىلىشى ۋە ئۇنى ئىشلىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پاختىنى مەنبەدىن سۈپىتىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقلۇق مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنى قوللىنىشنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك پاختا بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى سىياسىتى ۋە يانداش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختا سۈپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاختىكارلارنىڭ ئاساسىي كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پاختا بازىرىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سېتىۋېلىش، پىششىقلاش قاتارلىق ھالقىلاردا سۈپەتنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك پاختىنىڭ ماركا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپ تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ بايلىقىنىڭ ھازىر بار بولغان كەسىپلەر باغچە رايونىغا قاراپ مەركەزلىك، توپلاشقان، تۈجۈپىلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پاختا كەسىپ زەنجىرى تەمىنات زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پاختا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھازىر پاختا سېتىۋالىدىغان ۋە يېڭى پاختا بازارغا سېلىنىدىغان ئاچقۇچلۇق تۈگۈن بولۇپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە تېخنىكىلىق سەۋىيە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پاختا سۈپىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، پاختىدىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پاختا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى چېن ۋېيجۈن، جارۇللا ھېسامىدىن، جاۋ چىڭ، ليۇ سۇشې، كۇڭ شىڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ