مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەيلى

2021.10.18 09:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بۇ، بىر ئۇلۇغ غەلىبە، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپىنى تاماملاپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسىنى ياراتتى؛ بۇ، بىر مەيدان ئۇلۇغ كۈرەش، جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىيناپ كېلىۋاتقان نامراتلىق جاھىل كېسىلى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بوران-چاپقۇن ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەيدان جەزمەن يېڭىدىغان جەڭدە غەلىبە قىلدى.

  ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشى «يۇقىرى ـ تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا، ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلاپ، شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىدە يېڭى بىر ئابىدە تىكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن تۈگىمەس مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى، پەزىلىتى، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى بولۇپ، ئۇلۇغ مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلىك جەڭدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى؛ پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئارقىلىق تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرمايدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى؛ دەل جايىدا، ئەمەلىي بولۇش ئارقىلىق ئەمەلىيەت داۋامىدا غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرىنى يەكۈنلىدى؛ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىدا ماڭدى؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى جانلىق شەرھلەپ بەردى؛ خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  شىنجاڭدا نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يەنە مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى شەرھلىدى. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى.

  «غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش قىيىن ئەمەس، غەلىبىنى ساقلاپ قېلىش قىيىن»، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش غەلىبىسى تەستە قولغا كەلگەن، لېكىن بىزنىڭ مەغرۇرلىنىپ، ئۆز-ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىشكە، بوشىشىپ توختاپ قېلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، جەزمەن ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۇدا كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش، نەتىجە-ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك؛ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش كېرەك؛ جەزمەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەستايىدىل-پۇختا بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك.

  ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ئالدى تەرەپتە چاقىرماقتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى قەتئىي يېڭىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش كۈرەش ھالىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ