مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ گېرمانىيەدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​«گېرمانىيە خەلق ئاممىسىغا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ساداسىنى ئاڭلىتىمىز»

2021.10.18 09:49 مەنبە: خەلق تورى

  ​

  «گېرمانىيە خەلق ئاممىسىغا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ساداسىنى ئاڭلىتىمىز»

  10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، گېرمانىيەدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  بۇ قېتىمقى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت ۋە جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ كېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. گېرمانىيەنىڭ بېرلىن، ميۇنخېن قاتارلىق جايلىرىدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا ۋەتەنگە، يۇرتىغا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىش ھېسسىياتى ۋە گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

  مەڭلىك سىيىت سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولۇپ، ئۆزئارا سىڭىشىدىغان، ئۆزئارا يۇغۇرۇلىدىغان، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى رەزىل غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى تارقاتتى. گېرمانىيەدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەت ئەللەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى تونۇش، شىنجاڭنى قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆپچىلىكنىڭ پات - پات ئۆيلىرىگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇشىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى ياخشى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن.

  باش ئەلچى ۋۇ كېن سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: بەزى گېرمانىيە سىياسەتۋازلىرى، ئاتالمىش ئالىملار ۋە بەزى تاراتقۇلار شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ھە دەپ ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە تارقىتىپ، كۆپچىلىكنى ئالدىدى ۋە خاتا يۆنىلىشكە يېتەكلىدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكى، شىنجاڭ خەلقىنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكى ھەققىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭگو - گېرمانىيە دوستانە ئالاقىسىدىكى ئەلچىلەردىن بولۇپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق گېرمانىيە خەلق ئاممىسىغا بىر ھەقىقىي شىنجاڭنى نامايان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، گېرمانىيەدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار ۋە گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بەس - بەستە سۆز قىلىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، شىنجاڭدىكى چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى مەملىكەت سىرتىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇردى.

  «مەن ۋەتەندىن كەلگەن <ساغلاملىق سومكىسى>نى قولۇمغا ئېلىپ، ئۈستىگە <ۋەتەن مەڭگۈ سىزنىڭ يېنىڭىزدا> دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تارالدى.» گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان دەۋران دىلمۇرات ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مەملىكەت سىرتىدا تۇرۇپ، «ۋەتەن قۇدرەتلىك ئارقا تىرىكىمىز» دېگەن بۇ سۆزنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم، ناھايىتى ئىپتىخارلاندىم. «شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياش بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گېرمانىيە خەلق ئاممىسىغا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ساداسىنى ئاڭلىتىش مەسئۇلىيىتىم بار».

  بۇ يىل 7 - ئايدا شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان گېرمانىيە ۋېنچېڭ خۇارېن - خۇاچياۋ بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، جەمئىيەت باشلىقى يې زېڭيا شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيەدە، زىيارەتتە بولغاندا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن بەختتىن ئورتاق بەھرىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم. مەملىكەت سىرتىدىكى خۇارېن، خۇاچياۋ بولۇش سۈپىتىم بىلەن، گېرمانىيە جەمئىيىتىگە ھەقىقىي شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتىم بار، مەسئۇلىيىتىم بار.

  سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق، ئىلگىرى تەلىم - تەربىيەنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ، تەربىيەلىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىنكى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئون ئىككى مۇقام سەنئىتى ۋارىسلىرى ئەنئەنىۋى سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، دىنىي خادىملار مەسچىت شارائىتىنى ياخشىلاش ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار ئىشلىرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ۋەتەنگە قايتقان خۇاچياۋلار بىرلەشمىسى، شىنجاڭ مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىلەر پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ