مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ پاختىسىنى ھاقارەتلەشكە بولمايدۇ

تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن شەھىرى سىداۋخوزا بازىرىدىن سىدىقجان رېيىمجان

2021.07.08 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  بىزنىڭ 60 مو يېرىمىزگە ھەر يىلى كېۋەز تېرىيمىز، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نىڭ بار-يوقلۇقىدا مېنىڭ ھەممىدىن بەك پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقۇم بار. ئىلگىرى بىز كېۋەز تېرىغاندا، 50 كۈنگە يېقىن پاختا تېرىش پەسلىدە، پاختا تەرگۈچىلەر بىلەن توختام تۈزەتتۇق، بىر پەسىلدە ھەر بىر ئادەم ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلاتتى. ئۇ چاغدا كېۋەز تېرىشنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، بىز كۆپ پۇل تاپالمىغان ئىدۇق، لېكىن ھازىر ئوخشىمايدۇ، مەن ئىلگىرىكى بىر نەچچە پارچە يەرنى بىرلەشتۈرۈپ تېرىپ، پەرۋىش قىلىپ، پاختا تېرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ماشىنا بىلەن تاماملاپ، پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتتىم، كىرىمىممۇ ئاشتى.

  ھازىر، ئائىلىمىز بىر «چوڭ ئات كۈچىلىك» يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى، يەنە بىر SUV كىچىك ئاپتوموبىلى سېتىۋالدۇق، ئائىلىمىز يەنە ئون نەچچە تۇياق قوي، يۈز نەچچە تۇياق كالا باقتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتىگە، بىزنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزغا، كېۋەز تېرىپ توپلىغان بايلىققا تايىنىپ ئىشقا ئاشتى. ئەگەر شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك» مەۋجۇت دېيىلسە، كىم «مەجبۇرىي ئەمگەك قىلغان» ئادەمنى شۇنچە كۆپ بايلىققا ئىگە قىلىدۇ؟ سىلەر چەت ئەل كارخانىلىرى بىر تەرەپتىن جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇلىنى تېپىپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگولۇقلارنىڭ قازىنىنى چېقىپ، شىنجاڭغا خالىغانچە قارا چاپلىدىڭلار. سىلەرگە دەيدىغىنىم، سىلەر يالغان گەپ بىلەن كىشىلەرنى ئالدىدىڭلار، يالغان گەپ بىلەن شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلدىڭلار، تۆھمەت قىلدىڭلار، گېپىڭلارغا ۋىجدانلىق ئادەملەر ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، شىنجاڭ پاختىسى ياخشى، شىنجاڭ خەلقى داۋاملىق كېۋەز تېرىيدۇ، شىنجاڭ پاختىسىنى سېتىشتىن ئەزەلدىن غەم قىلمايمىز.

  شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىيات چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش خام خىيالىدىكى بارلىق سۇيىقەستلەر جەزمەن بەربات بولىدۇ! ئەڭ ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا قارا چاپلاشقا بولمايدۇ، رەڭلىك كۆزەينەك تاقاپ جۇڭگو شىنجاڭغا قارايدىغانلار بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ياخشى پاختىسىنى ئىشلىتىشكە لايىق ئەمەس.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ