مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالىدى
ئىككى ئورۇن، تۆت شەخسكە تۆھپە يازدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئومۇمىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، ئىككى ئورۇن، تۆت شەخسكە تۆھپە يازدى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قورال - ياراغ تەرەققىيات بۆلۈمى مەلۇم مەركىزىنىڭ 2 - ئىشخانىسى، 63691 - قىسىمغا 1 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.
94333 - قىسىمنىڭ ئۇچقۇچىسى سۇڭ جىگوغا 1 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلىرى شۆيۈەنى مەلۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دۇ جىيەن، ھاۋا ئارمىيە قۇرۇلۇش داشۆسى مەلۇم ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ پىروفېسسورى چېن شىخۇڭ، راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن شياڭدۇڭغا 3 - دەرىجىلىك تۆھپە يېزىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ