مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېدېراتسىيە مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساگېر بىلەن سۆھبەتلەشتى

2021.07.08 11:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 7- چېسلا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا سىن شەكلىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مىللىي پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ساگېر بىلەن سۆھبەتلەشتى.لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن. ئىككى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ۋەلىئەھدى مۇھەممەدنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ «يۈز يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، بولۇپمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەتكە ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىپلا قالماي، جۇڭگو بىلەن كەڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۈلگىسى تىكلەندى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئاساسەن، ئىستراتېگىيەلىك قاتلامدىكى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن «كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن 50 يىللىق دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور ئىشلىرىنى قەتئىي قوللاپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى، پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۈپ ۋە كەلگۈسى مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ۋاكسىنىغا ئالاقىدارھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتكە نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە، ئاساسىي قۇرۇلۇش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك.

  لى جەنشۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەرەب ئەللىرى خەلق پارلامېنتى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دوستلۇق گۇرۇپپىلىرى ۋە ۋەكىللەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ ۋە تۈزىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ كۆپ تەرەپلىك سورۇن ۋە خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

  ساگېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدۇ، مۇستەھكەم دوستلۇققا ئىگە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى مۇھىم بولغان قوللاشلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مىللىي پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ