پىششىقلاش

2021.07.08 13:39 مەنبە: خەلق تورى

  ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇنداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشيولى ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئورتاق خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  2021-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ