مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم قىسىم ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىگە شەرەپ نامى بەردى

2021.07.07 09:01 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

  قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم قىسىم ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1-ئوتتۇرا ئەترىتىگە شەرەپ نامى بەردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم قىسىم ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1-ئوتتۇرا ئەترىتىگە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زەربىدار ئوتتۇرا ئەترەت» دېگەن شەرەپ نامىنى بەردى.

  بۇيرۇقتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار بۇ ئوتتۇرا ئەترەتتىن ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك؛ دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشتەك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇرۇش تەييارلىقى ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىش، مەشىق ئارقىلىق ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ئاتلىنالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ دۈشمەنگە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشتەك جەسۇرانە ئىستىلنى يېتىلدۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئىنقىلابىي روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇپ، كۈرەش قىلىش پەزىلىتىنى تاۋلاپ، سىناققا يۈزلىنىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، خېيىم-خەتەر ئالدىدا ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان يېڭى دەۋردىكى ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ ئوت يۈرەك جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ