مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

2021.07.07 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى خۇ جاۋمىڭ 7-ئاينىڭ 5-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى سىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يىغىنغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش: سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» بولۇپ، 160 نەچچە دۆلەتتىكى 500دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە 10 مىڭدىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋەكىلى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە پائالىيىتى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئەسىر يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش ئىدىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو يېجوۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 7-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  گو يېجوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى شەرھلەپ، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ئۈمىدىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇشى ھەم يىغىنغا قاتناشقان دۇنيادىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيەلەر ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىشى بولۇپ، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقى ئالاقە تارىخى ۋە دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  گو يېجوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر، دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشىنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان دۇنيادىكى ئاساسلىق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە يۇقۇم ۋە ۋاقىت پەرقىنىڭ تەسىرىنى يېڭىپ، مەدەنىيەت، تۈزۈم ۋە ئىدېئولوگىيە پەرقىدىن ھالقىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش ئورتاق نىشانىنى چۆرىدەپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن پائال ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى، بۇ، ھازىرقى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  گو يېجوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم توردا ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھازىرغىچە ئۆتكۈزگەن ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ يەر شارىۋى خاراكتېرلىك سىياسىي پارتىيەلەر باشلىقلار يىغىنى بولۇپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتەك يېڭىچە سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل شەكىل، كۆپ قاتلاملىق خەلقئارا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئالاقىسى، ھەمكارلىق تورى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ سۆزلىشىش، ئالاقىلىشىش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

  گو يېجوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلغاندا، سۆزلىشىش يىغىنىنى مېخانىزملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تۈرلۈك سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئارقىدىن، بىز يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنى رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى، نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى بولۇپ، يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنىنىڭ مېخانىزملىشىشىغا يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى.

  باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدا گو يېجوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش __ سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى.» نۆۋەتتە، 160 نەچچە دۆلەتتىكى 500 دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق چەت ئەل سىياسىي پارتىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى، 130 نەچچە دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىرى ۋە ۋاقىتلىق ۋاكالەتچىلىرى توردا يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، شاڭخەي، شەنشى يەنئەن، گۇاڭدۇڭ شېنجېن، فۇجيەن نىڭدې ۋە جېجياڭ ئەنجى قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىدە ئالاھىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە جايلاردا يەرلىك شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، باشلىقلار يىغىنى يەنە تېلېۋىزىيە ۋە تور قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، كۆپ خىل تىلدا پۈتۈن دۇنياغا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىدۇ.

  باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كۆزلەنگەن نەتىجىلىرى توغرىسىدا گو يېجوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. يىغىنغا قاتنىشىدىغان بارلىق سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى ئارىسىدىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەختلىك، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرىدىغان پارتىيە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ