شى جىنپىڭ دۇتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
2021.07.07 11:03 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئىيۇل فىلىپپىننىڭ بىر ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى. شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى قونۇۋاتقاندا بەختكە قارشى چۈشۈپ كېتىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورايمەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ