پىششىقلاش

2021.07.08 13:38 مەنبە: خەلق تورى

  پارتىيە قانداق قىلغاندا خەلقنىڭ بەختىنى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلىيەلەيدۇ؟ شى جىنپىڭ بۇ بەش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەكىتلىدى:

  بىز يۆنىلىشنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى ئىگىلىشىمىز ۋە يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىز ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بىز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.بىز ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ يەر شارىۋى خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.بىز ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  2021-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى سىياسىي پارتىيەلەر رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ