شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيا پارتىيەلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم باش مەقسەت سۆزى قىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2021.07.07 10:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئىيۇل بېيجىڭدا جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيا پارتىيەلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىغا ۋىدېيو شەكلىدە قاتناشتى ھەم «پارتىيەلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقنى بىرلىكتە بەختكە ئېرىشتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت سۆزى قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەلەر ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، ئىنسانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن دۇنيا پارتىيەلىرى رەھبەرلىرى يىغىنىدا «خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش: پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» باش تېما قىلىندى. رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا تەسىس قىلىندى. ئالتۇن رەڭلىك زالدا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ بايرىقى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان چەتئەل پارتىيەلىرىنىڭ بايراقلىرى ئۆز ئارا جۇلالىنىپ، ھەيۋەتلىك پارتىيە بايراقلىرى سېپىنى ھاسىل قىلدى. يىغىن مەيدانىغا غايەت زور بەش ئېكران قويۇلۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ رەھبەرلىرى «بۇلۇت تېرمىنالى»دا جەم بولغان، ئۇلۇغۋار پىلان ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەنگەن، كەلگۈسى ھەققىدە بىرلىكتە كېڭەشكەن جانلىق مەنزىرە تولۇق نامايان قىلىندى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن باش مەقسەت سۆزى قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ يۈكسىلىشنى كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن تەقدىرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىدا جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يەنە بىر قېتىم نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشنى تاللاشتەك تارىخىي پەيتكە دۇچ كەلدى، تاللاش بىزنىڭ قولىمىزدا، مەسئۇلىيەت بىزنىڭ زىممىمىزدە. ئورتاق خىرىس ئالدىدا، ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق بىللە ياشاشتىن ئىبارەت چىقىش يولى بار. پارتىيەلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، توغرا يۆنىلىشنى بېكىتىپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، بىز يۆنىلىشكە يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى ئىگىلىشىمىز ۋە يارىتىشىمىز كېرەك. چوڭ دەۋر چوڭ ئەندىزىگە موھتاج، چوڭ ئەندىزە كەڭ قورساقلىققا چاقىرماقتا. بىز خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆز دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىمىز لازىم.

  ئىككىنچى، بىز ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيەت، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىدە چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ قىممەت مەزمۇنىغا بولغان تونۇشىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن چۈشىنىپ، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىنى ھۆرمەتلەپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئۆز دۆلىتى خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە كونكرېت، ئەمەلىي نامايان قىلىشىمىز لازىم.

  ئۈچىنچى، بىز تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىشىمىز كېرەك. ئىنسانىيەتنىڭ بەختكە ئىنتىلىش يولىدا، بىر دۆلەت، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر، بارلىق مىللەتلەر باراۋەر تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى لازىم. باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق سىياسىي ھەرىكەت كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ شۇنداقلا بۇ بىھۇدە ئاۋارىگەرلىك!

  تۆتىنچى، بىز ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، دۇنياۋى خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بىز ئىلمىي تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تەڭ تۈرتكە بولۇشىمىز؛ ھەمكارلىشىش ئارقىلىق خەۋپسىزلىكنى، مۇقىملىقنى كۆزلەپ، خەۋپسىزلىكنىڭ مۇستەھكەم تېمىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىمىز؛ تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇشىمىز؛ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشاش يولىنى ئورتاق پىلانلىشىمىز لازىم.

  بەشىنچى، بىز ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بەختكە تۇتىشىدىغان يول ئوخشاش بولمايدۇ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆز تەرەققىيات يولى ۋە تۈزۈم ئەندىزىسىنى تاللاش ھوقۇقى بار، بۇ ئەسلىدىنلا خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىشىدىكى تېگىشلىك ئىشتۇر. بىر دۆلەتنىڭ دېموكراتىك ياكى دېموكراتىك ئەمەسلىكىگە شۇ دۆلەتنىڭ خەلقى باھا بېرىشى لازىم، ئاز سانلىق كىشىلەرنىڭ دېگىنى ھېساب بولماسلىقى كېرەك! بىز ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، بىر مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشى-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس كۈرەش نىشانى. جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ زامان-ماكان ئۆلچىمىدە تۇرۇپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىن ئىبارەت چوڭقۇر تېما ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىز بۇ پارلاق يولنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ھەم ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز ھەم دۇنياغا بەخت يارىتىمىز.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. نامراتلىقنى تۈگىتىش-ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەر قايسى دۆلەت پارتىيەلىرى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم نىشان. جۇڭگو كومپارتىيەسى ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسىگە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو لايىھەسى ۋە جۇڭگو كۈچى قوشۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ ھەمدە يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ. خەلقئارا قائىدە ئاز سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تۈزۈلمەستىن، بەلكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان قائىدە قىلىپ تۈزۈلىشى كېرەك. بىز كۆپ تەرەپچىلىك نامى بىلەن بىر تەرەپچىلىك قىلىدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ۋەكىللىكلىكى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈشكە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچ چىقىرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى داۋاملىق ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن بىللە، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەرەپتە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار خەلق كېڭىشىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ رامافۇسا، قازاقىستان «ۋەتەن نۇرى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، تۇنجى زۇڭتۇڭ نەزەربايىف، رۇسىيە رۇسىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مېدۋېدېۋ، ئارگېنتىنا ھەققانىيەت پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ فېرناندېس، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۈەن فۇجۇڭ، كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىياز كانېل، فىلىپپىن دېموكراتىك خەلق كۈچى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ دۇتېرت، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، باش ۋەزىر خۇنسىن، زىمبابۋې ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاقى ۋەتەنپەرۋەرلىك فىرونتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە 1-شۇجىسى، زۇڭتۇڭ مىنانگاگۋا، پەلەستىن فاتاخنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ئابباس، سېربىيە ئالغا پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ، پاكىستان ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭلى ئىمرانخان، موزامبىك ئازادلىق فىرونتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ نيۇسى، نامىبىيە خەلق تەشكىلاتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ گېنگوب، كونگو ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى سۇسا، سىرىلانكا خەلق فىرونتى پارتىيەسىنىڭ داھىيسى، زۇڭلى ماخىندا راجاپاكسا، بولىۋىيە سوتسىيالىزمنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى، سابىق زۇڭتۇڭ مورالىس، ماراكەش ئادىللىق ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، باش ۋەزىر ئوسمانى، جەنۇبىي سۇدان سۇدان خەلق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ كىل، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ خەلقئارا رەئىسى پاپاندىرىئو، ئىسپانىيە كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى سېنتېرىيا قاتارلىقلار باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ يۈز يىللىق ئالەمشۇمۇل مۇساپىسىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى قىزغىن تەرىپلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش مەقسەت سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشتى، پارتىيەلەرنىڭ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك دۇنيانى تەڭ قۇرۇپ چىقىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

  160 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 500دىن ئارتۇق پارتىيە ۋە سىياسىي تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى، 10 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 100دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ پارتىيەلىرى ئۆز دۆلىتىدە جەمئىي 200 گە يېقىن كوللېكتىپ يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىپ، ئۆز پارتىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىغا كوللېكتىپ قاتنىشىشقا تەشكىللىدى. شاڭخەي، شەنشىنىڭ يەنئەن، گۇاڭدۇڭنىڭ شېنجېن، فۇجيەننىڭ نىڭدې، جېجياڭنىڭ ئەنجى قاتارلىق جايلىرىدا دۆلەت ئىچى شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، يەرلىكتىكى قىسمەن پارتىيەلىك كادىرلار باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆردى. باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق تەشەببۇس ئېلان قىلىنىپ، يىغىنغا قاتناشقان پارتىيەلەرنىڭ دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئورتاق ئارزۇسى ئىپادىلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ