مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

2021.07.08 10:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  چېن چۈەنگو، جوۋ چياڭ سۆز قىلدى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

  7-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى جوۋ چياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە قېرىنداش ئۆلكىلىك، شەھەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك سوت مەھكىمىلىرى باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، سوت قىلىش كەسپى، ئىختىساسلىقلار-ئەقلىي كۈچ ۋە ماددىي ئەشيا-جابدۇق قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ بىلەن قوللاپ، خالىس ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن چىقارغان ئۇلۇغ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت ياراتماقتا. ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە قېرىنداش ئۆلكىلىك، شەھەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە سوت مەھكىمىسى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوت مەھكىمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ ۋە ياخشىلايدۇ؛ سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل، ئادىل يۈرگۈزۈشى، مۇستەقىل مەسئۇل بولۇشى، خىزمەتلەرنى بىردەك ماسلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ، سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا، كاپالەت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا، تۈرلۈك ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ؛ سوت مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، ئېتىقاد جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، مەسئۇلىيەت جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ؛ ھەممە كىشى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان ياخشى مۇھىتنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكىلىك، شەھەرلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، ياردىمىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىدۇ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىدۇ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  جوۋ چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا جەمئىيەت تىنچ بولدى، ئىقتىساد تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. خەلق سوت مەھكىمىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوت قىلىش كەسپى، ئىختىساسلىقلار-ئەقلىي كۈچ، ماددىي ئەشيا-جابدۇقتىن ئىبارەت «ئۈچكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش»تە چىڭ تۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  جوۋ چياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1-ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇرچ بىلەن، مەسئۇلىيەت بىلەن، ھېسسىيات بىلەن ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى سوت مەھكىمىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساس سېلىپ، يىراق كەلگۈسىنى ئويلىشىپ، ئېھتىياجنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ما شىجۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە نەتىجىسى گەۋدىلىك كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، جاڭ ۋېنچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا، جياڭسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ھەم بىڭتۇەن شۆبە مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مەملىكەت بويىچە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆردى.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكىلىك، شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، بىڭتۇەن شۆبە مەھكىمىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ