مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى چوڭ قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى

2021.07.05 11:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سېلىندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرى چەكسىز روھلاندى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  ئۇلۇغ تارىخقا گۇۋاھ بولۇش 100 يىللىق شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىش

  «بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت ـ جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىشى شىنجاڭ تۇپرىقىدا كەڭ تارقالدى، تىيانشان ئوغۇل ـ قىزلىرى چوڭقۇر پەخىرلىنىش ھېسسىياتىغا چۆمدى.

  گۇما ناھىيەسىنىڭ مۇجى بازىرى لەڭگەر كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ پايدىسىدا، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرىنى ئېشەكچىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئائىلىلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلدا 2000 يۈەن كۆپ كىرىم قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، لەڭگەر كەنتىنىڭ كونا قىياپىتى يېڭىلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى شېرىن بولدى.

  «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى باشتىن كەچۈرگۈچى، ئۇنىڭغا قاتناشقۇچى، ئۇنىڭدىن نەپ ئالغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز بۇ تارىخىي پەيتتىكى شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، چەكسىز ھاياجانلاندۇق.» لەڭگەر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى مەخمۇت مەمتىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنى مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ باي قىلىمەن».

  تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يۆلەنچۈكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ.

  مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس مەدىنبېك مۇراتخان نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئۇ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: نامرات، ئاجىز بولۇشتىن دۆلەت باياشات، خەلق ساغلام تەرەققىي قىلىشقىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ 100 يىلدىن بۇيان ئېچىلغان ئۇلۇغ يول، يارىتىلغان ئۇلۇغ ئىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇقەررەر ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى سەھىپىسىگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ!

  «چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدۇم، ھەسسىلەپ روھلاندىم، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇم، بۇرچ تۇيغۇم ۋە شەرەپ تۇيغۇم ئۇرغۇدى.» مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 ـ دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر يۈ شياڭيوۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى نەق مەيداندا ئاڭلىغاندىن كېيىن قەلبى ھاياجانغا چۆمدى.

  «ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى پەرۋەر پەرھات مۇنداق دېدى: «يېڭى پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باشتىن ـ ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن».

  100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرىدىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كادىرى تەن خۇا كۆپ تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بولدى. كەلگۈسىدە، بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ تېز ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا، تېخىمۇ كۆپ جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتىمىز.

  «پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ قايتا ـ قايتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئارقا ـ ئارقىدىن شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقانلىقىدىن چىن قەلبىمدىن پەخىرلەندىم. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قىشلىق تەنھەرىكەت باشقۇرۇش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر سۇڭ سۇپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭدىكى نۇرغۇن قار ـ مۇز تەنھەرىكىتى ئەزىمەتلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە پائال تەييارلىق قىلىپ، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە دۆلىتىمىزگە شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

  ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىدا «ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، غايىسىنى قەتئىي ساقلايدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى»نى مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ غەيرىتى ئۇرغۇدى، ئۇلار: شەرەپلىك ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمىز، دەپ بىلدۈردى.

  بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەت چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز.

  شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقى، تەپتىش ئاڭلىقلىقى بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي ئىلگىرىلەش داۋامىدا قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرىمىز!

  ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا ـ خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ فاڭفاڭ مۇنداق دېدى: پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شەخسىي غايەمنى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى داۋامىدا ئۆز كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.

  ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى، شۇنداقلا بىز، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ قايتا ئاتلىنىشىمىزدىكى مەنىۋى ماكانىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي ۋۇجۈن مۇنداق دېدى: بىز خەلق ئاممىسى ئويلاۋاتقان، ئالدىراۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ـ ساغلاملىق كومىتېتى پەن ـ تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى شۈ پېيلەن مۇنداق دېدى: «بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ھەر ۋاقىت جارى قىلدۇرۇپ، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىشتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز».

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى كەنت ـ بازار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ شاۋئەي چوڭقۇر ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېدى: «بىز مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر بىلەن گۈزەل، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز».

  تارىخ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيەلىك خەلق ساقچىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ما يىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمىز.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ شۇۋېي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىمىز قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىپ، «ئون چوڭ كەسىپ»نى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى خوتەن ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىدىن خوتەن شەھىرى جىيا يېزىسى باش تۈگمەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 ـ شۇجى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاۋ يەنلۇڭ بۇ يىل «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالاندى. «باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم غەيرەتكە تولدى.» جاۋ يەنلۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز كەنتتىكى مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى تەدرىجىي ھالدا كەنت <ئىككى كومىتېت> بەنزىسىگە تولۇقلاپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلەيمىز».ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن ياڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، خىزمەت شەكلى، ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭدىن ئىبارەت غەربكە تۇتىشىدىغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشىمىز.

  «بىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئاممىسىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، بىر نىيەتتە تەڭ كۈچ چىقىرىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس غەيۇرجان نۇرغالى قەتئىيلىك بىلەن.

  «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» باي ناھىيەلىك سودا ـ سانائەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ دۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، پۈتۈن رايون ساياھىتى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيمىز.

  «گۇرۇھىمىزدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مەڭگۈ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يولۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ» دېدى شىنجاڭ ئايروپورت گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ جۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى تۇرپان شەھەرلىك باج ئىدارىسى ياش كەسپىي تايانچلاردىن «ياش زەربىدارلار ئەترىتى» تەشكىللەپ، «باج»نى كارخانىلارغا كىرگۈزۈپ سىياسەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىمىز قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، دەۋرگە يۈز كېلىشىمىز، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسىگە يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەن پارتىيە ئەزاسى جاڭ لىڭ مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىمىز، شىجائىتىمىز، ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىپ، ئاددىي خىزمەت ئورنىمىزدا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك!»

  «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار!» پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى پەيتىدە، قەشقەر داشۆسى تەنتەربىيە شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فۇ جيەن ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكتى: ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پائال ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  «يېڭى دەۋردىكى ئىتتىپاق كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ياشلار چۈشىنەلەيدىغان، قوبۇل قىلالايدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ غايە ـ ئېتىقادى، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە تارىخىي بۇرچىنى تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى ياشلىق كۈرىشىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچلەردىن بولۇشقا يېتەكلەيمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياش لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ما لى.

  (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار سۇڭ ۋېيگو، جاڭ تىڭ، ۋاڭ يۈجاۋ، شيې خۇيبيەن، لى ياڭ، شى شىن، سۇ لۇپىڭ، مېھرىگۈل ناسىر، مېھرىگۈل غوپۇر، لى شىڭ، گو لىڭ، ليۇ شياڭ، لۇ فېڭباۋ، يەن شياۋتيەن، ما يىنىڭ، لياڭ لىخۇا، ياڭ شۇخەن، دۇڭ لياڭ، چېن چياڭۋېي، جاڭ رۇيلىن)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ