مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جىنشاجياڭ بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى، خەن جېڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ توك تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2021.06.30 08:55 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خېتى

  جىنشاجياڭ بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بىخەتەر، دەل ۋاقتىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلغان پەيتتە، مەن بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نى يولغا قويۇشتىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيادىكى قۇرۇلۇۋاتقان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى. ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن يەر شارى بويىچە يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىغان سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. سىلەر تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتۇڭلار. بۇ، سوتسىيالىزمنىڭ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سىلەرنىڭ بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۈرلۈك داۋاملاشما خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2021 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى جىنشاجياڭ بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى بىخەتەر، دەل ۋاقتىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش»نى يولغا قويۇشتىكى دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى، بۈگۈنكى دۇنيادىكى قۇرۇلۇۋاتقان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تېخنىكا قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى. ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن يەر شارى بويىچە يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىغان سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. بارلىق قۇرغۇچىلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بۇ، سوتسىيالىزمنىڭ ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى، يېڭى دەۋرنىڭ كۈرەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ بارلىق قۇرغۇچىلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۈرلۈك داۋاملاشما خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، داۋاملاشما قۇرۇلۇشلارنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يۆتكەپ كۆچۈرۈلگەنلەرگە داۋاملىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئېكولوگىيە ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جىنشاجياڭ بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ توك تارقىتىش مۇراسىمى 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، بېيجىڭدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ بېيجىڭدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى تۈركۈم گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

  بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭنەن ناھىيەسى بىلەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چياۋجيا ناھىيەسى تۇتىشىدىغان جىنشاجياڭ دەرياسى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگو سەنشيا گۇرۇھى ئېچىپ قۇرغان، جەمئىي 220 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي گېنېراتور سىغىمچانلىقى 16 مىليون كىلوۋات بولۇپ، دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان يەر شارى بويىچە يەككە گېنېراتور سىغىمچانلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى مىليون كىلوۋاتقا يېتىدىغان سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن جەمئىي 16سى ئورنىتىلغان. ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا 2017 - يىلى 7 - ئايدا ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلانغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈم ئىككى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلدى، بارلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 2022 - يىلى 7 - ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلىدۇ. ئېلېكتىر ئىستانسىسى تولۇق پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، سەنشيا قۇرۇلۇشىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئايلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ