مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسى» ناملىق جۇڭگوچە، ئىنگلىزچە مەخسۇس تېمىلىق تور بېكەت تورغا چىقىرىلدى

2021.06.30 12:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگو دىپلوماتىيەسى» ناملىق جۇڭگوچە، ئىنگلىزچە مەخسۇس تېمىلىق تور بېكەت 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تورغا چىقىرىلدى. بۇ مەخسۇس تېمىلىق تور بېكەتكە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىدۇ، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشر - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىگە قاراشلىق جۇڭگو ئالاقە تورى ئاخبارات مەركىزى (جۇڭگو تورى) ۋە جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات يۇرتى (شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى تەتقىقات مەركىزى) بىرلىكتە قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق تەشۋىق قىلىدىغان، تونۇشتۇرىدىغان نوپۇزلۇق بولغان ھۆكۈمەت تەرەپ سۇپىسى.

  مەخسۇس تېمىلىق تور بېكەتكە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مۇھىم تاشقى ئىشلار پائالىيەتلىرى، سۆزلىرى، بايانلىرى ۋە ئىمزالىق ماقالىلىرى، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىگە ئالاقىدار ھۆججەت - ماتېرىيال، ئەسەرلەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، رەقەملىك خەرىتە شەكلى ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىزنالىرى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنىدۇ. مەخسۇس تېمىلىق تور بېكەت جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم خەۋەرلەر ۋە ئۇچۇرلارنى سىجىل يېڭىلاپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.

  مەخسۇس تېمىلىق تور بېكەت تۇنجى قاراردا جۇڭگوچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى تىلدىكى تور بەتنى تورغا چىقاردى، تور ئادرېسى http://www.chinadiplomacy.org.cnغا كىرىپ زىيارەت قىلسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ