مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2021.07.05 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  (2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)

  شى جىنپىڭ

  يولداشلار، دوستلار:

  بۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم تەنتەنىلىك بىر كۈن. بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالدۇق.

  ئالدى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  بۇ يەردە، مەن پارتىيە ۋە خەلققە ۋاكالىتەن شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلايمەنكى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت - جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى! بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى! بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى!

  يولداشلار، دوستلار!

  جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيادىكى ئۇلۇغ مىللەت، 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاققا سوزۇلغان مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. 1840 - يىلىدىكى ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو تەدرىجىي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ، دۆلەت ئار - نومۇسقا قېلىپ، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە ئۇچراپ، مەدەنىيلىككە چاڭ - توزان قونۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىغا ئايلاندى.

  مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقى جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئىرادىلىك زاتلار ھەر تەرەپكە بېرىپ چۇقان سالدى، تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتى، ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش، يىخېتۇەن ھەرىكىتى، شىنخەي ئىنقىلابى ئارقا - ئارقىدىن قوزغىلىپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك لايىھەلىرى كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى، لېكىن ھەممىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى. جۇڭگو يېڭى ئىدىيەنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى، يېڭى تەشكىلاتنىڭ ئىنقىلابىي كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدى.

  ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم - لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى داۋامىدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جۇڭگونىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىرلىشىشى داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە مەيدانغا كەلدى، بۇ، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش بولدى، ئۇ يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. بىز شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قوراللىق ئىنقىلاب ئارقىلىق قوراللىق ئەكسىلئىنقىلابقا قارشى تۇرۇپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت بولۇش تارىخىنى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتۇردى، كونا جۇڭگونىڭ قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ۋەزىيىتىنى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشتۇردى، جاھانگىر دۆلەتلەر جۇڭگوغا مەجبۇرىي تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىلەر ۋە جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئىمتىيازلىرىنى تەلتۆكۈس بىكار قىلدى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ جەمئىيەت شارائىتى ھازىرلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى: جۇڭگو خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى، جۇڭخۇا مىللىتى باشقىلارنىڭ خالىغانچە تالان - تاراج قىلىشىغا ئۇچرايدىغان، بوزەك بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى!

  − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن قۇدرەت تېپىشنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. بىز سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋاملاشقان فېئوداللىق ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش، ئېزىش تۈزۈمىنى يوقىتىپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جاھانگىرلىك، زومىگەرلىكنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقى، بۇزغۇنچىلىقى ۋە قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكى ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر جەمئىيەت ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات، قالاق، نوپۇسى كۆپ بولغان شەرقتىكى چوڭ دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەشتەك ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلىدۇق ۋە تۈزۈم ئاساسىنى سالدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى: جۇڭگو خەلقى كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدۇ، پەقەت سوتسىيالىزملا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ!

  − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. بىز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىدىكى چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى بېكىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپتىن كەلگەن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى بەرپا قىلىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى قوغداپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگىچە، بېكىنمە، يېرىم بېكىنمە ھالەتتىن ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىشكىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسبەتەن قالاق ھالەتتىن ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتۈشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، خەلق تۇرمۇشىدا كىيىنىش - تويۇنۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى يېڭىچە ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان ماددىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولدى، جۇڭگو چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالدى!

  − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيە ئىچىدىكى نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر قاتار ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى!

  100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان قورقماس جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى يېزىپ چىقتى. بۇ 100 يىلدىن بۇيان ئېچىلغان ئۇلۇغ يول، يارىتىلغان ئۇلۇغ ئىش، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت مۇقەررەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ!

  يولداشلار، دوستلار!

  100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، غايىسىنى قەتئىي ساقلايدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان، بۇرچنى زىممىگە ئالىدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، پارتىيەگە سادىق بولغان، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى.

  100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى بەرپا قىلىپ، روشەن سىياسىي پەزىلىتىنى تاۋلاپ چىقتى. تارىخ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، روھ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىشىمىز، مەڭگۈ كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك!

  يولداشلار، دوستلار!

  100 يىلدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتتى! بىز ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

  مۇشۇ ۋاقىت، مۇشۇ پەيتتە، بىز جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان يولداش ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جان پىدا قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، يېقىنقى زاماندىن بۇيان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان بارلىق ئىرادىلىك زاتلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈ پۈتۈلىدۇ! ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھى خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ!

  خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەقىقىي قەھرىمان. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلارغا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارغا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرگە، بىرلىك سەپنىڭ كەڭ ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، ھەمدە كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن! جۇڭگو خەلقى بىلەن دوستانە ئۆتكەن، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ۋە دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  يولداشلار، دوستلار!

  ئەسلىي مەقسەتنى تۇرغۇزۇش ئاسان، باشتىن - ئاخىر ساقلاش قىيىن. تارىخنى ئەينەك قىلغاندا دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشىنىڭ ئالمىشىش سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىز تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ، كەلگۈسىگە يىراقتىن نەزەر سېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئىلگىرى بىز نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ، كەلگۈسىدە بىزنىڭ قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى 180 نەچچە يىللىق تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 100 يىللىق تارىخى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيانقى 70 نەچچە يىللىق تارىخى بىردەك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، يېڭى جۇڭگونىڭ بولمايدىغانلىقىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش كېرەك. ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر، ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش، ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىشتا، ئەمەل قىلىنغىنى خەلقنىڭ رايى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، خەلق بىلەن مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولدى، ھايات - ماماتتا بىللە بولدى، ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئىتى يوق بولۇپ، ئەزەلدىن ھەرقانداق مەنپەئەت گۇرۇھى، ھەرقانداق ھوقۇق - كۈچ تەشكىلاتى، ھەرقانداق ئىمتىياز قاتلىمىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلمىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى جۇڭگو خەلقىدىن ئايرىۋېتىدىغان، قارىمۇقارشى قىلىپ قويىدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنىڭ ھەممىسى ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدۇ! 95 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ! 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ!

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخنى يارىتىپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا مەزمۇت تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ۋە خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ماركسىزم بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشىمىزدىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيە، پارتىيەمىزنىڭ جېنى ۋە بايرىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دەۋر چوڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، جاپالىق ئىزدىنىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ!

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئۆز يولىدا مېڭىش پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ مەۋقەسى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن چىقىرىلغان تارىخىي يەكۈن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توغرا يول. بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ياراتتۇق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتۇق.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بېيىشى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، جۇڭگونىڭ گۈزەل بولۇشىنى ماس ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا شەكىللەنگەن پارلاق مەدەنىيلىككە ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق كۈرەش ئەمەلىيىتى ۋە 70 نەچچە يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە، بىز ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ بارلىق پايدىلىق نەتىجىلىرىنى پائال ئۆگىنىمىز، ئۆرنەك قىلىمىز، بارلىق پايدىلىق تەكلىپ ۋە ياخشى نىيەتتىكى تەنقىدنى قارشى ئالىمىز، لېكىن بىز «ئەقىلدار»لارچە ھاكاۋۇرلۇق بىلەن قىلىنغان تەلىم بېرىشلەرنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئۆزى تاللىغان يولدا مەردانە قەدەم تاشلاپ مېڭىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتىدۇ!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن جەزمەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك، ئارمىيە قۇدرەت تاپسا ئاندىن دۆلەت ئەمىن تاپىدۇ. پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش، ئۆزىنىڭ خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيە قان بىلەن ئوت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە ھاسىل قىلغان يىمىرىلمەس ھەقىقەت. خەلق ئارمىيەسى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى، ئۇ قىزىل ھاكىمىيەتنى قوغدايدىغان، مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان كۈچلۈك تۈۋرۈك، شۇنداقلا رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋاسىتىلەر بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىنچلىق، ئېجىللىق، ئىناقلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل ئىنتىلىپ ۋە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىيەسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىدا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىدىغان، زومىگەر بولىدىغان، زومىگەرلىك قىلىدىغان گېن يوق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى!

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بارلىق تىنچلىقنى سۆيىدىغان دۆلەت ۋە خەلق بىلەن بىللە، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قارشىلاشماي، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بېكىنمىچىلىك قىلماي، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش قىلماي، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ!

  جۇڭگو خەلقى ھەققانىيەتنى ئۇلۇغلايدىغان، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان خەلق، جۇڭخۇا مىللىتى كۈچلۈك مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا ۋە ئىشەنچكە ئىگە مىللەت. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن باشقا دۆلەت خەلقىنى بوزەك قىلمىدى، ئەزمىدى، قۇل قىلمىدى، ئۇنداق ئىش ئىلگىرى بولمىغان، ھازىر بولمىدى، كەلگۈسىدىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلقىمۇ سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق كۈچنىڭ ئۆزىنى بوزەك قىلىشىغا، ئېزىشىگە، قۇل قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ، كىمكى بۇنداق قىلىشنى خام خىيال قىلىدىكەن، مۇقەررەر 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قان بىلەن گۆشتىن قۇرۇپ چىققان پولات سېپىلىغا سوقۇلۇپ باش - كۆزلىرى قانغا بويىلىدۇ!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچى. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى چوڭقۇر تونۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىددىيەت، يېڭى خىرىسلارنى چوڭقۇر تونۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر بىرلىك سەپنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملىدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى.يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك!

  − تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيەمىزنىڭ قايتا - قايتا تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، بىزنىڭ باشتىن - ئاخىر پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىز ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر، سىناقلارغا ئۈزلۈكسىز ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۆلەنچۈكىگە ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغانلىقىمىزدا!

  يېڭى مۇساپىدە، بىز بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت، دېگەن داۋلىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان بارلىق ۋىرۇسلارنى تازىلاپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرمەسلىك، خىسلىتى ئۆزگەرمەسلىك، خاراكتېرى ئۆزگەرمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك!

  يولداشلار، دوستلار!

  بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك.

  تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىرادىسىدىن قايتمايدىغان تارىخىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك. ھەرقانداق ئادەم جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك غەيرىتى، قەتئىي ئىرادىسى، قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى بوش چاغلىمىسۇن!

  يولداشلار، دوستلار!

  كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا. 100 يىل ئىلگىرى، بىر توپ يېڭى ياشلار ماركسىزم ئىدىيە مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بوران - چاپقۇنلۇق، زۇلمەتكە تولغان جۇڭگودا مىللەتنىڭ گۈللىنىش ئىستىقبالى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدەندى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بايرىقى ئاستىدا، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو ياشلىرى ياشلىقىدىكى كۈرەشنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاۋانگارت كۈچكە ئايلاندى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، دەۋرگە يۈز كېلىشى، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك!

  يولداشلار، دوستلار!

  100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندا ئاران 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسى بار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان، مۇھىم، زور يەر شارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلاندى.

  100 يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيانىڭ ئالدىدا زاۋاللىققا يۈزلىنىپ، خارابلاشقان كۆرۈنۈشتە نامايان بولغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنياغا نامايان قىلغىنى گۈللەپ ياشناۋاتقان كەيپىيات بولۇپ، توسۇۋالغىلى بولمايدىغان قەدەم بىلەن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلانماقتا.

  ئۆتكەن 100 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم قويدى.

  بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى! پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەرنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، داۋاملىق تۈردە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ زور شان - شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلىدۇ!

  يولداشلار، دوستلار!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى! ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى بولىدىكەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

  ياشىسۇن ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى!

  ياشىسۇن ئۇلۇغ، شەرەپلىك، قەھرىمان جۇڭگو خەلقى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ