جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2021.07.05 09:36 مەنبە: خەلق تورى

  100 يىللىق مۇساپە ھەيۋەتلىك مۇساپە بولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق جەرياندا مۇستەھكەملەندى. 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كاتتا مۇراسىم ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن 100 يىلدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم تاشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە باغلىدى، 100 يىل دەل جاسارەت ئۇرغۇغان دەۋر بولدى. ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى بولىدىكەن، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

  شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە خەلققە ۋاكالىتەن مۇنداق تەنتەنىلىك جاكارلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىجىل كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، غەيرەت - جاسارەتنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلاندۇق. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شان - شەرىپى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن قاتناشتى.

  جۇڭگو زېمىنى گۈللەپ ياشناپ، رەڭدار تۈسكە كىردى، پايتەخت بېيجىڭ گۈلدەك ياساندى، بايراقلار لەپىلدىدى. ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى غەيرەت - جاسارەتكە تولغان ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىنىڭ شانلىق مۇساپىسىگە ئاتلاندى.

  تيەنئەنمېن راۋىقى ھەيۋەتلىك، كۆركەم كۆرۈنەتتى، راۋاق قىزىل تېمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ماۋ زېدۇڭنىڭ غايەت چوڭ رەڭلىك رەسىمى ئېسىلغانىدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدا، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئېگىزلىكى 7.1 مېتىر، كەڭلىكى 7.1 مېتىر كېلىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە گېربى ۋە «1921» «2021» دېگەن سانلار يېزىلغان پىلاكاتلار كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. مەيداننىڭ شەرقى ۋە غەربىدىكى ئىككى تەرەپتە 100 قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى.

  بوشلۇقتىن پەسكە قارىغاندا، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى «غايەت چوڭ پاراخوتنىڭ يولغا چىقىشى» ناملىق مودېل كۆركەم، ھەيۋەتلىك بولۇپ، دولقۇن يېرىپ، يەلكەن چىقىرىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق كەلگۈسىگە قاراپ ماڭغاندەك كۆرۈنەتتى.

  «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» «بىز ماڭىمىز داغدام يولدا» «يېڭى زېمىن» «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»... تەبرىكلەش يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر كۆتۈرەڭگۈ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان كىلاسسىك ناخشىلارنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىپ، پارتىيەگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7دىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەئىس سەھنىسىگە كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  شۇڭقارلار پەرۋاز قىلدى، قاناتلىرى كۆكنى يېرىپ ئۆتتى. سائەت 7دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 71 كۈرەشچى ئايروپىلانى تيەنئەنمېن مەيدانىغا قاراپ ئۇچۇپ، پارتىيەگە ئېھتىرام بىلدۈردى، ۋەتەنگە ئېھتىرام بىلدۈردى، خەلققە ئېھتىرام بىلدۈردى. ھاۋا بوشلۇقىدىكى بايراق مۇھاپىزەت قىلىش پەلەمپەيسىمان ئۇچۇش ئەترىتى ئۇچۇپ تەبرىكلەش ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى، بەش تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى ۋە «ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» «ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭگو خەلقى» «ياشىسۇن ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى» «ياشىسۇن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلار ئېسىلغان بولۇپ، شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى. ئارقىدىنلا، تىك ئۇچار ئايروپىلان، كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا «100» «71» دېگەن سان شەكلىنى چىقىرىپ ئاسماندىن ئۇچۇپ ئۆتتى، قىرغۇچى − 20 تىپلىق 15 ئايروپىلاندىن تەشكىللەنگەن ئۈچ پەلەمپەيسىمان ئۇچۇش ئەترىتى غۇيۇلداپ ئۇچۇپ ئۆتتى، ئون مەشىق ئايروپىلانى رەڭلىك تۈتەك چىقىرىپ ئۇچۇپ ئۆتتى، قالتىس ماھارەتلەرگە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا سائەت ماياتنىكىنىڭ كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى. 1921، 1931، 1941... 2021، سائەت ماياتنىكىنىڭ تەۋرىنىشىگە ئەگىشىپ، يىل سانى تەرتىپ بويىچە نامايان بولدى. سائەت دەل 8دە، غايەت زور پاراخوتنىڭ يولغا چىققانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان گۈدۈك ئاۋازى ياڭراپ، تەبرىكلەش يىغىنى باشلاندى.

  ھەممەيلەن سۈكۈتتە تۇردى، 100 پاي ھۆرمەت توپى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى، دۆلەت بايرىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مۇھاپىزەت قىلىپ، مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىن مەيداننىڭ شىمالىدىكى بايراق چىقىرىش رايونىغا كەلدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىرى ئورۇنلىغان ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى بىرلىكتە يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدا جەۋلان قىلدى.

  ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار بىرلىشىپ تەبرىك سۆزى قىلدى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ تەبرىك سۆزىنى ئوقۇپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى − ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەڭ يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە ئەڭ سەمىمىي تەبرىكلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى ۋە پىيونېرلار ۋەكىللىرى كوللېكتىپ تەبرىك سۆزى قىلىپ، پارتىيەگە ياشلىق باھار مەدھىيەسىنى ياڭرىتىپ، «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى بىلدۈردى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم تەنتەنىلىك بىر كۈن بولدى. بىز بۇ يەردە داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى قايتا ئەسلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالدۇق. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگودا كوممۇنىستىك پارتىيە بارلىققا كەلدى، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن بۈيۈك ئىش بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ۋە ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى قىلىپ بېكىتتى. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەر، بارلىق قۇربان بېرىشلەر، بارلىق ئىجادىيەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بىر باش تېمىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاسارەت بىلەن قۇدرەت تېپىشنى كۆزلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى؛ ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دەيدىغان قورقماس جاسارەت بىلەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق تارىخىي داستاننى پۈتتى. بۇ 100 يىلدىن بۇيان ئېچىلغان ئۇلۇغ يول، يارىتىلغان ئۇلۇغ ئىشلار، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇقەررەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىي سەھىپىسىگە پۈتۈلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىلدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى ياراتتى، بىز ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇشۇ ۋاقىت، مۇشۇ پەيتتە، بىز جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتى ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشقان يولداش ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جان پىدا قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، يېقىنقى زاماندىن بۇيان مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغان بارلىق ئىرادىلىك زاتلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرى تارىخ سەھىپىسىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈلىدۇ! ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب روھى خەلق قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ!

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەقىقىي قەھرىمان. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلارغا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارغا، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ھەر ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارغا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرىغا ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش قوشۇنىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە، بارلىق سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرگە، بىرلىك سەپنىڭ كەڭ ئەزالىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ھەمدە كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن. جۇڭگو خەلقى بىلەن دوستانە ئۆتكەن، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ۋە دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەسلىي مەقسەتنى تۇرغۇزۇش ئاسان، باشتىن - ئاخىر ساقلاش قىيىن. تارىخنى ئەينەك قىلغاندا، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خارابلىشىشىنىڭ ئالمىشىش سەۋەبىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىز تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنى يورۇتۇپ، كەلگۈسىگە يىراقتىن نەزەر سېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن ئىلگىرى بىز نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى ئېنىق كۆرۈپ، كەلگۈسىدە بىزنىڭ قانداق قىلغاندا داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتا، جەزمەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ تارىخنى يارىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ جەزمەن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىز تاللىغان يولدا مەردانە قەدەم تاشلاپ مېڭىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىش، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا چىڭ تۇتۇشىمىز كېرەك؛ جەزمەن دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋاسىتىلەر بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك؛ جەزمەن تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيەسى سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تارىخ چاقىنىڭ پارلاق نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ جەزمەن نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر خاتىرجەم شارائىتتا خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش كېرەك؛ جەزمەن جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت، دېگەن داۋلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېنلىقلار ئاۋمېننى ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرقانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك. ھەرقانداق ئادەم جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك غەيرىتى، قەتئىي ئىرادىسى، قۇدرەتلىك ئىقتىدارىنى سەل چاغلىمىسۇن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كەلگۈسى ياشلارغا مەنسۇپ، ئۈمىد ياشلاردا. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، دەۋرگە يۈز كېلىشى، ياشلىق باھارىغا يۈز كېلىشى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن 100 يىلدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە، تارىخقا ئاجايىپ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يەنە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىمتىھانغا بېرىش يېڭى يولىغا قەدەم قويدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەڭگۈ خەلق ئاممىسى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلق بىلەن بىللە ئىشلەپ، بوران - چاپقۇنلاردا بىللە بولۇپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، داۋاملىق خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ زور شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇردى، نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.

  يىغىن ھەيۋەتلىك ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

  جۇشقۇن مۇزىكا ساداسى ياڭرىشى بىلەن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر «ۋەتەننى كۈيلەيمەن» دېگەن ناخشىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى. 100 مىڭ تىنچلىق كەپتىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى، 100 مىڭ دانە رەڭلىك شار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى ھەر ساھە ئامما تيەنئەنمېن راۋىقى تەرەپكە قاراپ تەنتەنە قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. راۋاقتا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەقىقىي ھېسسىيات گىرەلەشكەن قەلب كۆۋرۈكى سېلىندى، مەيدان ئىچى - سىرتى شاد - خۇراملىق مۇجەسسەملەنگەن دېڭىزغا ئايلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى بىرلىكتە تەبرىكلىنىپ، ۋەتەن ۋە دۇنيانىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

  تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، لى چياڭ، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ جيېچى، ياڭ شياۋدۇ، جاڭ يوۋشيا، چېن شى، چېن چۈەنگو، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، سەي چى، خۇ جىنتاۋ، لى رۇيخۇەن، ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، يوۋ چۈەن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى، جوۋ چياڭ، جاڭ جۈن، جاڭ چىڭلى، ليۇ چىباۋ، پابالا گېليېلاڭجيې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، خې خوۋخۇا، لۇ جەنگۇڭ، ما بياۋ، چېن شياۋگۇاڭ، لياڭ جېنيىڭ، شيا باۋلۇڭ، لى بىن، باتېر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭ، سۇ خۇي، جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ ۋە چى خاۋتيەن، جياڭ چۇنيۈن، ۋاڭ لېچۈەن، ۋاڭ جاۋگو، خۇي لياڭيۈ، ليۇ چى، ۋۇ يى، ساۋ گاڭچۇەن، زېڭ پېييەن، ۋاڭ گاڭ، ليۇ يەندۇڭ، لى يۈەنچاۋ، ما كەي، لى جيەنگو، فەن چاڭلۇڭ، مېڭ جيەنجۇ، گو جىنلۇڭ، ۋاڭ خەنبىن، خې يۇڭ، دۇ چىڭلىن، جاۋ خۇڭجۇ، پېڭ پېييۈن، لى تيېيىڭ، خې لۇلى، جياڭ جېڭخۇا، گۇ شيۇليەن، رې دى، ئۇيۈنچىمۇگې، چېن جىلى، جوۋ تيېنۇڭ، جياڭ شۇشېڭ، ساڭ گوۋېي، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، دەي بىڭگو، چاڭ ۋەنچۈەن، خەن جۇبىن، جيا چۇنۋاڭ، سۇڭ جيەن، خۇ چىلى، ۋاڭ جۇڭيۈ، خاۋ جيەنشيۇ، شۈ كۇاڭدى، جاڭ خۇەيشى، لى مېڭ، لياۋ خۇي، بەي لىچېن، چېن كۇييۈەن، ئابلەت ئابدۇرېشىت، لى جاۋجو، خۇاڭ مېڭفۇ، جاڭ مېييىڭ، جاڭ رۇڭمىڭ، چيەن يۈنلۇ، سۈن جياجېڭ، لى جىنخۇا، جىڭ ۋەنتۇڭ، دېڭ پۇفاڭ، چېن زۇڭشىڭ، ۋاڭ جىجېن، خەن چىدې، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، چېن يۈەن، جوۋ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۇي، چى شۈچۇن، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن ھەمدە لى زوچېڭ، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن ۋە فۇ چۈەنيوۋ، يۈ يۇڭبو، ۋاڭ كې، چېن بىڭدې، لى جىنەي، چياۋ چىڭچېن، جىڭ جىيۈەن، جاۋ كېشى، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىن جېڭ يۆئې، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بار.

  بېيجىڭدىكى مەركەز پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىجرائىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نام، «دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى»، «ئالەم قاتنىشى قەھرىمانى»، «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، 11 - ئەۋلاد بەنچەن ئېردېنى چۆجىجيېبۇ، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، 2021 - يىلى يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق نەپىقە بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  بېيجىڭدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ