مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگولۇقلار تاماق قاچىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشى كېرەك»

​− شى جىنپىڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھېكايە

2021.07.06 08:36 مەنبە: خەلق تورى

  «بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئازدۇر - كۆپتۇر قورسىقىمىز تويمىغان، ئاچ قالغان ئەسلىمىلىرىمىز بار».

  «ئاشلىق مەسىلىسىدە تەلەي سىناشقا، قىينىلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ».

  «ئەگەر ئاشلىقتا ئىمپورتقا تايىنىپ قالساق، باشقىلار بىزنى بۇرنىمىزدىن يېتىلەپ ماڭىدۇ».

  «تۇرمۇشىمىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانسىمۇ، ئىسراپچىلىق قىلىشقا ھېچقانداق ھوقۇقىمىز يوق!»

  …

  خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاشلىق خەلقنىڭ جېنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ھەر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئۇ دائىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ قازىنىنىڭ تۇۋىقىنى ئېچىپ، يۇرتداشلارنىڭ نېمە يەۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدى؛ ھەر قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، ئۇ ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، دېھقانلارنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلىدى؛ ئاشلىق ئىسراپچىلىقى مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى.

  پۇقرالارنىڭ تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە بىر سىقىم بۇغداي، بىر چىنە گۈرۈچنىڭ ئالاھىدە سالمىقى بار.

  50 نەچچە يىل ئىلگىرى، شەنشى لياڭجياخېغا يېزىغا چۈشكەندە، ئۇ خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. شۇ جايدىكى پۇقرالار دائىم: «1 - ئايدا سەمرىيمىز، 2 - ئايدا ئورۇقلايمىز، 3 -، 4 - ئايلاردا نىمجان بولۇپ قالىمىز» دېيىشەتتى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتىدا، ھەممە ئائىلىلەر قېپقالغان ئاشلىقنى يەر تېرىيدىغان قاۋۇل ئەمگەك كۈچلىرىگە قالدۇراتتى، ئاياللار بالىلىرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلاتتى.

  «مەن ئالتە - يەتتە يىل دېھقان بولدۇم، ئۇ چاغدا قورسىقىم ئاچ ھالدا ئەتراپتىكى پۇقرالاردىن سىلەرچە قانداق كۈن كەچۈرۈش ئەڭ ياخشى، كونكرېت نىشانىڭلار نېمە؟ دەپ سورايتتىم». 2020 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەينى يىللاردا زىيالىي ياش بولغان جاپالىق يىللىرىنى ئەسلىدى.

  پۇقرالار شۇ چاغدا ئۇنىڭغا مۇنداق ئۈچ جاۋاب بەرگەن: بىرىنچى نىشانىمىز، تىلەمچىلىك قىلماسلىق، قورساقنى تويغۇزۇش، توپان - كۆكتات يېسەكمۇ مەيلى؛ ئىككىنچى نىشانىمىز، ئاق قوناق، كۆممىقوناق ئۇنى قاتارلىق ساپ ئاشلىقلارنى يېيىش؛ ئۈچىنچى نىشانىمىز، ئەينى چاغدا يەتكىلى بولمايدىغان − «ئاق ئاشلىق يېگۈسى كەلسە ئاق ئاشلىق يېيىش، يەنە دائىم گۆش يېيەلەيدىغان بولۇش» ئىدى.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، يۇرتداشلارنىڭ «دائىم گۆش يېيەلەيدىغان بولۇش» تەك ئاددىي ئارزۇسىنى شى جىنپىڭ ئىزچىل كۆڭلىدە ساقلاپ كەلدى.

  لياڭجياخېدا ئېتىز كۆلىمىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، قەھرىتان قىشتىكى دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ قايما توسما ياسىدى، ھەر قېتىم باشلامچىلىق بىلەن مۇز ئارىسىدا يالىڭاياغ تۇرۇپ مۇزنى تېشىپ قاش ئۇلىنى تازىلىدى.

  فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجوۋ شەھىرىدە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغاندا، ئۇ پىڭتەندە بېلىقچىلىق بايلىقىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، بېلىقچىلارنىڭ تاماقتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، دەرھال خەلق ئىشلىرى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنى يىغىپ، 600 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ئاشلىق ئاجرىتىپ، قەتئىي ھالدا پۇقرالارنى ئاچ قورساق قويمىدى...

  بىر كىچىككىنە قوناق قوتۇرمىچى قارىماققا كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدۇ.

  شىمالىي شەنشىدە يېزىغا چۈشكەندە، شى جىنپىڭ پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ ناچار قوتۇرماچلارنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ قوناق قوتۇرمىچىنى يۇرتداشلارنىڭكى بىلەن ئالماشتۇرغان، بۇ بىللە ئەمگەك قىلىۋاتقان يۇرتداشلارنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرگەن. كېيىن يۇرتداشلارنىڭ قوناق قوتۇرمىچى يېمەي، «ھەقىقىي ئاشلىق»نى قاۋۇل ئەمگەك كۈچى ۋە بالىلارغا قالدۇرغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇنىڭ قەلبىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن.

  تۈمەنلىگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە، تاماق مەسىلىسى ھەممىدىن مۇھىم.

  خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جېڭدىڭ ناھىيەسى ئىلگىرى داڭقى چىققان «يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە» بولۇپ، ھەر يىللىق ئاشلىق سېتىۋېلىش ۋەزىپىسى 70 مىليون جىڭدىن ئاشاتتى. بەزى جايلار سېتىۋېلىنىدىغان ئاشلىقنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ ئوزۇقلۇق ئاشلىقى قالمىغاچقا، باشقا ناھىيەلەرگە بېرىپ يۇقىرى باھادا ئاشلىق سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولاتتى.

  شى جىنپىڭ جېڭدىڭغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە بەل باغلىدى − پۇقرالارنىڭ قورسىقىمۇ تويمىسا، يەنە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىمىسەك قانداق بولىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لۈ يۈلەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارغا خەت يازغان. ئىنكاس قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دۆلەت سېتىۋالىدىغان ئاشلىق 28 مىليون جىڭ ئازىيىپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتكەن.

  «بىزنىڭ جېڭدىڭ <مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق ناھىيە> دېگەن تاجنى تاقىماسلىققا رازىكى، ئاممىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.» شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مۇلايىم، ئەمما جاراڭلىق ئىدى.

  ئاشلىققا قارىتا ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ قالسا بولمايدۇ

  2020 - يىلى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، سۇڭلياۋ تۈزلەڭلىكىنىڭ ئىچكىرىسىدە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سىپىڭ شەھىرى لىشۇ ناھىيەسىدىكى دۆلەت مىليون مولۇق يېشىل يېمەكلىك خام ئەشياسى(كۆممىقوناق)نى ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىكى يادرولۇق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىشاتكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلىدى، چەكسىز كەتكەن كۆممىقوناقلىقتا يېشىل دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى.

  بۇ قېتىم جىلىنغا تەكشۈرۈشكە كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى بېكەتتىلا مۇنبەت قارا تۇپراققا كىرىپ، بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش − ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  «ئالدىنقى يىلى خېيلۇڭجياڭدىكى جيەنسەنجياڭدا شالنى كۆرگەن، بۇ قېتىم مەن كۆممىقوناقنى كۆرگىلى كەلدىم.» كۆممىقوناقلىقتا، شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىملىشىپ قالدى، ئاچقۇچلۇقى كۈزلۈك ئاشلىقتا. بۇ يىل ئاپەت ئاز ئەمەس، مەن شەرقىي شىمالدىكى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن».

  كۆز ئالدىدىكى كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئەھۋال توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاشلىق − ئاساس! كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك».

  2020- يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئاشلىق بازىرىغا خېلى چوڭ خىرىس ئېلىپ كەلدى. خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا قانچە دۇچ كەلگەنسېرى، يېزا ئىگىلىكىنى شۇنچە تۇراقلاشتۇرۇش، ئاشلىق ۋە مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە شۇنچە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالاھىدە يىللاردىكى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتا باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك چىڭ تۇتتى. 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۇ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئەتىياز پەسىللىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  ئۆزىمىزنى ئاساس قىلىش، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق ئىمپورت قىلىش، پەن - تېخنىكىنى تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى بالدۇر تۇتتى، ئەمەلىي تۇتتى، چوڭ دۆلەت ئاشلىق ئامبىرى تارىخىي خاراكتېرلىك «ئۇدا 17 يىل مول ھوسۇل ئېلىش»نى كۈتۈۋالدى.

  ئاشلىق مەسىلىسىدىن ئەمدى غەم قىلمىساقمۇ بولامدۇ؟

  «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ھەرقانداق ۋاقىتتا يېنىكلىك بىلەن ئاشلىق ئۆتكىلىدىن ئۆتتۇق دېيىشكە بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرالايدىغان، ئاشلىق بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ھازىر تەكىتلەۋاتقان ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت».

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز چوڭ يېزا ئىگىلىكى قارىشى، چوڭ يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كۈچەپ سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش يولىغا ماڭدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىكى بەزى تەپسىلاتلىرىدىن بۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

  2014 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىسى ۋېيشى ناھىيەسىنىڭ جاڭشى بازىرىغا كېلىپ، بۇغداي باشاقلىرىنىڭ دان تۇتقانلىقىنى كۆردى، ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى سورىدى. بۇغدايلارنىڭ كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك دەرىجىدە تەكشى ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەممىمىز دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى بەك ياخشى ئىكەن، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا خۇشال بولدۇم. يۇرتداشلارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ يىللىق مومىنى يېيەلەيدىغان بولدۇق».

  2016 - يىلى 4 - ئايدا، ئەنخۇي ئۆلكىسى چۇجوۋ شەھىرى فېڭياڭ ناھىيەسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېتىز قىرىنى بويلاپ بۇغدايلىققا كىرىپ بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاشلىق تېرىيدىغان چوڭ ئائىلە ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرىدىن يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىرىدىكى تېرىقچىلىقنى باشقۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىگىلىدى.

  2018 - يىلى 9 - ئايدا، خېيلۇڭجياڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جيەنسەنجياڭ باشقۇرۇش ئىدارىسى چىشىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ بېيداخۇاڭ تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەركىزىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر پىيالە گۈرۈچنى ئىككى قولى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ: «جۇڭگو ئاشلىقى! جۇڭگو تاماق قاچىسى!» دېدى.

  2020 - يىلى 7 - ئايدا، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ لىشۇ ناھىيەسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر مەنىلىك سۆز قىلىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە قارا تۇپراقتىن ئىبارەت بۇ «تېرىلغۇ يەر ئىچىدىكى چوڭ مۈشۈكئېيىق»نى ياخشى قوغداپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى خەلققە مەڭگۈ بەخت يارىتىدىغان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ...

  «تاماق مەسلىسىدە ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى بولۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، يارا ساقايسىلا ئاغرىقنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.» نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭ ئىزچىل ئويلاندى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسى تېرىلغۇ يەردە، جان تومۇرى سۇ ئىنشائىتىدا، چىقىش يولى پەن - تېخنىكىدا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى سىياسەتتە، بۇ ئاچقۇچلۇق نۇقتىلارنى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جايىدا تۇتۇپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئاساسىي نۇقتىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بىر قاچا ئۇماچ، بىر قاچا ئاشنىڭمۇ تەستە قولغا كېلىدىغانلىقىنى بىلىش

  «كىچىك ۋاقتىمىزدا بۇ جەھەتتە قاتتىق ئائىلە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان، چوڭلار ئېشىپ قالغان تاماقلا ئەمەس، بىر تال داننىمۇ ئىسراپ قىلغۇزمايتتى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنداق دېدى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ھەم شۇنداق قىلىپ كەلدى −

  جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ ئورگان ئاشخانىسىدا كۆپچىلىككە ئوخشاش ئۆچرەتتە تۇرۇپ تاماق ئالاتتى، بەزىدە كېچىكىپ قېلىپ قورۇما قالمىسا، ئوخشاشلا ئىككى تال موما، بىر پارچە چىلانغان دۇفۇ يەيتتى. ئۇ يېزىغا چۈشۈپ تاماق يېگەندە، چوقۇم يېزا - بازار ئاشخانىلىرىدا ئاشلىق بېلىتى، تاماق پۇلىنى تولۇق تاپشۇراتتى. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشتا، ئىدىش ئوچاقتا پىشۇرۇلغان قازان نېنى، چوشقا بېشى گۆشىنى ئاساس قىلغان ئادەتتىكى تاماق ياكى تاماق، قورۇما ئورنىدا بىر تەخسە جۇۋاۋا بار ئىدى.

  فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، يولداش شى جىنپىڭ ئوخشاشلا تېجەشلىك، ئەمەلىي بولدى. فۇجوۋدا تۇنجى نۆۋەتلىك ھۈنەر - سەنئەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلگەندە، ھەرقايسى جايلاردىن سودىگەرلەر بەس - بەستە كەلدى. ئۇ ئىككىلا تەرەپ ئۈچۈن ياخشى بولغان ئامالنى ئويلاپ تاپتى − فۇجوۋنىڭ يەرلىك ئۆزگىچە تائاملىرى بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. مېھمانلار ناھايىتى ياقتۇرۇپ يېدى، شۇنداقلا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئۆزگىچە تائاملارنى مېھمانلارغا تونۇشتۇردى. كېيىن فۇجوۋ شەھىرى، ھەتتا ئۆلكىدىكى كۈتۈۋېلىش ئىشخانىسىمۇ دائىم تەيپىڭيەن، بېلىق كۇمىلىچى، گوبىيەن، يۈنى قاتارلىق فۇجوۋنىڭ ئۆزگىچە تائاملىرى بىلەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان بولدى.

  تاماق ئۈستىلىدە تېجەشلىك بولۇشتا ھۆرمەت قىلىنغىنى ئەمگەك، ئەكس ئەتكىنى گۈزەل ئەخلاق.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەدەنىيىتىدە ئاشلىق تېجەشكە دائىر نۇرغۇن مەزمۇنلار بار، بۇنى بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. ئاشلىق تېجەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشنى تاماق ئۈستىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ، داشۆ ئاشخانىلىرى ۋە ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ئاشخانىلىرى، يېمەك - ئىچمەك كەسپىدىن باشلاپ تۇتۇپ، بالىلار باغچىسى، يەسلى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەردىن باشلاپ تۇتۇپ، ھەربىر ئائىلىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاشلىق تېجەشنى پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ، بىر قاچا ئاشتىنمۇ مول ھوسۇلنىڭ تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ −

  ئوتىغۇچ كۆتۈرۈپ چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ باققاچقا، ھەربىر تال داننىڭ جاپالىق ئەمگەكتىن قولغا كېلىدىغانلىقىنى بىلگەن؛

  ئاچ قورساق ئۆتۈپ باققاچقا، كۆپچىلىكنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشكە ئىرادە باغلىغان.

  جۇڭگو ئاشلىقى، جۇڭگو تاماق قاچىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەلبىدە ئالاھىدە سالمىقى بار.

  كىشىلەر يېزا ئىگىلىكىدە مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىدەك، دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەردىن يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىياتنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى، يەنە ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنىڭ بارغانسېرى مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى كۆردى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ