شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2021.07.01 07:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن شى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنى تەقدىرلەش يىغىنى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. چېن شى يىغىندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە چوڭقۇر، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەقدىرلەنگەن مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساداقەتمەن پەزىلىتىنى مۇستەھكەملەپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببىتىنى چىڭ ساقلاپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىنى تاۋلاپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى چېنىقتۇرۇپ، پاك بولۇش ئەخلاقىنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  خېبېي ئۆلكىسى فۇپىڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ جىڭ، جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن مىڭچۈەن، خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرى خۇاڭپى رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زېڭ شېڭ، سىچۇەن ئۆلكىسى روئېرگەي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زې ئېردېڭ، گەنسۇ ئۆلكىسى دۇڭشياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شيۇلەن يىغىندا ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تاللاپ، تىكلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يېڭى دەۋردە تېخىمۇ ياخشى كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ناھىيە(شەھەر، رايون، خوشۇن)لىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسىلىق ئىش ئورنىدا ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن 103 يولداشقا مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ