مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قان قېرىنداش بولۇش تەقدىرداش بولۇش

2021.05.08 13:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، كۆپچىلىك بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ خوتەن ۋىلايىتىدىكى يەتتە ياشلىق ئۇيغۇر بالا شياۋ مەي(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)نى قۇتقۇزدى، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھاياتلىق كۈچ ئۇلاش ھەرىكىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى ۋە تەسىرلەندۈردى. تورداشلار ھەربىر ھالقىدىكى ھەربىر ئادەمنىڭ يارىلىنىپ بىلىكى ئۈزۈلگەن كىچىك بالىغا خۇددى ئۆز بالىسىدەك ياردەم قىلغانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. شۇنداق، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ياشاۋاتقان ھەرقايسى مىللەتلەر دەل قان قېرىنداش، تەقدىرداش بىر ئائىلە كىشىلىرىدۇر.

  ئوغۇل بالا يارىلانغاندىن تارتىپ ئوپېراتسىيە قىلىنغۇچە، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى پەقەت سەككىز سائەت ئىدى؛ خوتەندىن ئۈرۈمچىگە كېلىش ئۈچۈن 3000 چاقىرىم يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، يەنە دوختۇرخانىدىن ئايرودۇرۇمغىچە، ئايرودۇرۇمدىن دوختۇرخانىغىچە بارىدىغان يول بار. ۋاقىت بىلەن بەسلىشىدىغان بۇ ھاياتلىق كۈچ ئۇلاش مۇساپىسىدە، نۇرغۇن كىشى ئاغرىق بالىنى ئەزەلدىن تونۇمىسىمۇ، لېكىن بالىغا بەرگىنى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەك ئىللىقلىق، قويۇق قان - قېرىنداشلىق مېھرى، كىشىلەر ئارىسىدىكى مىللەت چەكلىمىسىدىن ھالقىغان چەكسىز مۇھەببەتتىن ئىبارەت. بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ كۈچى شۇنچە ئەتراپلىق ھەم شۇنچە قۇدرەتلىك، ئىشەنچلىك، ئۇنىڭ قۇتقۇزغىنى شياۋ مەينىڭ ھاياتىي ساغلاملىقى، ئۆزگەرتكىنى شياۋ مەينىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى، ئەمما نامايان قىلغىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ئىتتىپاقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن ئىبارەت.

  ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. شىنجاڭدا، مەيلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جەڭ مەيدانىدا بولسۇن، ياكى بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى مىللەتلەر خۇددى ئۆزىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەك بىرلىكتە شياۋ مەينىڭ ھاياتىنى كۈچ ئۇلاپ قۇتقۇزۇشىدا بولسۇن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ زور بەخت - سائادىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ تەسىرلىك ھېكايىنىڭ ئارقىسىدا، دەۋرنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى ياڭراپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى شىنجاڭنىڭ كەڭ تۇپرىقىدا پۇختا تۇرغۇزۇلۇشتەك جانلىق ئەمەلىيەت ئەڭ چىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەت ئىناقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇستەھكەم كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

  ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش. ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقاندىلا، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ