مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

100 يىللىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۆزلەشتۈرۈش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى

2021.04.08 14:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى پارتىيە دەرسى سۆزلەش» «مەن ئوقۇغان پارتىيە تارىخىنى ئاڭلاڭ» «پارتىيە تارىخى ھېكايىسى»دىن «كىنو پارتىيە دەرسى»گىچە، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلىدى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى ياش داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، قاراتمىلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قىزىل گېننى ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.

  مەكتەپ زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىككى ئالاھىدە سىنىپ تەسىس قىلىپ، بەدەن سېزىمى ھەمتۈرتكىلىك پىرويېكسىيە ئاپپاراتى، سېزىمچانلىق بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلدى. ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئىككىلىك كودنى يېنىك سىكاننېرلىسىلا پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ. «ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق، قىزىل كىلاسسىك قىسقا ھېكايىلەرنى ئوقۇيالايمىز. يېڭى دەۋردىكى داشۆ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گېننى قان تومۇرىمىزغا سىڭدۈرۈپ، قىزىل روھ بىلەن كۈچىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك» دېدى شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېن يى.

  قانداق قىلغاندا پارتىيە تارىخىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەپ، ئېتىقاد ئۇرۇقىنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزغىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭ سىفەن داشۆسى يېپيېڭى «ئېچىش شەكلى» ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى مەكتەپ ھويلىسىدىكى «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»نى تور سىرتىدا ھېس قىلىش بوشلۇقى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىگە ماكانلىشىپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ ھېس قىلىشقا، چوقۇم بېرىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە جەلپ قىلدى. تور سىرتىدىكى ھېس قىلىش بوشلۇقىنىڭ پۈتۈشى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، قىزىل مەدەنىيەتنى تارقىتىش، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەشنى يېڭى سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پەن ئالاھىدىلىكى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش بىلەن قىممەت بويىچە يېتەكلەشنى ئورگانىك يۇغۇرۇش شەكلى بىلەن، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى خاسلىقىغا ئىگە قىزىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسى بەرپا قىلىپ، ئىستېرېئولۇق، كۆپ تەرەپلىمە، تولۇق قاپلىغان قىزىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل مەدەنىيەتنى تارقىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ «يېڭى» بولۇشى، ھەم «قەلب»كە سىڭىشىنى ئالغا سىلجىتتى. ئوقۇش باشلانغاندا، مەكتەپ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭ پۈتۈن مەكتەپتىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىغا پارتىيە دەرسى سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قايتا ئەسلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخى ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەسلىدى، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولدى.

  قەلبتە ئېتىقاد بولغاندىلا، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يىل چىڭمىڭ بايرىمى مەزگىلىدە، قەشقەر داشۆسىدىكى ھەرقايسى شۆيۈەنلەر «ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش»نى چۆرىدەپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، «دەۋر نەمۇنىچىسى»، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئىنقىلابىي قۇربان لاچىن بايەكەنى ياد ئېتىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇشقا تەربىيەلىدى ۋە يېتەكلىدى.

  «تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى پارتىيە تارىخىنى چۈشىنىدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايدىغان قىلىش بىز ھەربىر مائارىپ خىزمەتچىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر، قەشقەر داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۆ جىخەي.

  «پارتىيە تارىخى مول ھەم قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، ئۇنىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىنقىلابىي روھى سىڭگەن، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتى نامايان قىلىنغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى يۈكلەنگەن، ئۇ ئەڭ جانلىق دەرسلىك.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى قىزىل مەدەنىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇەن يې مۇنداق دېدى: پارتىيە تارىخىدىكى قىزىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش ھەم يېڭى دەۋر ياشلىرىنىڭ پائال تاللىشى، ھەم يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ