مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

2021.03.22 11:57 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى

  تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇقىملىق، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو رىياسەتچىلىك قىلدى

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى

  3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو ئۆگىنىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى.

  يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، شى جىنپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدا»، «ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر»، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. يىغىندا، چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، سارقىت ئاقان ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 100 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تارىخنى يارىتىپ، ئۇلۇغ روھنى يارىتىپ، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى ياراتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىدىكى تىللاردا داستان قىلىشقا ئەڭ ئەرزىيدىغان سەھىپە. پارتىيەنىڭ قالتىس مۇساپىسىدىن ماركسىزمنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت كۈچىنى ھېس قىلىپ، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرگە، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەستايىدىل ھالدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشى، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، نىشان - تەلەپنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئۆگىنىش مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى ئەستە چوڭقۇر، چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي خەلقنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ شەكىللەندۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش قىلىش داۋامىدا ياراتقان ئۇلۇغ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، قانۇنىيەت، ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىدىكى ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ سىياسىي يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك؛ مەخسۇس تېمىدىكى تەربىيەلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈشكە، دائىم تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، پۇختا نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بەشىنچىدىن، روھنى، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ