باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك 28 سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلدى

2016.09.08 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل يەنە تۆت ئورۇندا دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلدى، مۇشۇنىڭ بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى 28 گە يەتتى.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016 - يىللىق نۇقتىدا سىناق قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا شىنجاڭ ئۇچلۇق سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ ئاقسۇ دولان دەرياسى سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ ماناس سۇلۇق يەر باغچىسى، شىنجاڭ قوبۇقسار سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ رەسمىي دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. بۇلار ئىچىدە، ئاقسۇ دولان دەرياسى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىدىكى تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسى. بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا تەستىقلانغان دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدىن 24ى بار ئىدى.

  شىنجاڭنىڭ 2 - قېتىملىق سۇلۇق يەرلىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرغاق دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايوندا، نۆۋەتتە ھەر خىل نەم يەرلەرنىڭ كۆلىمى ئاللىقاچان 3 مىليون 940 مىڭ گېكتاردىن ئاشقان، بۇلار ئىچىدە، كۆلىمى 100 گېكتاردىن ئاشىدىغان سۇلۇق يەردىن 435ى بار بولۇپ، ئاساسلىقى، تەڭرىتاغ، ئالتاي تاغلىرى، قۇرۇم تېغى ئۈچ چوڭ تاغ سىستېمىسى ۋە تارىم ئويمانلىقى، جوڭغار ئويمانلىقىغا تارقالغان. بۇ ئاساسىدا، شىنجاڭدا سۇلۇق يەر تىپىدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 40 نەچچىسى بەرپا قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر