خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى «ئۈچ ئەل»خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار 7-ئاينىڭ 15-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى يېڭى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر؛ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرلىك، ئۈلگىلىك ئىشلار؛ پارتىيەنىڭ ئەۋزەل سىياسەتلەردىن مەمنۇن بولغان خۇشال كەيپىيات، كۈلكە جىلۋىسى؛ خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت، ئۆرپ- ئادەت خاسلىقى؛ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ ئاممىغا چىن مېھرىنى باغلاپ ئۇلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ئاممىغا زور مەنىۋى خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
سۈرەتتە: كادىرلار ۋە ئامما كۆرگەزمىنى كۆرمەكتە.
تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن فوتوسى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى